Uyghur主要词典
مائۇ ھەرىكىتى
دۇنيا تارىخى
1926 - 1936-يىللاردا غەربىي ساموئا خەلقى قوزغىغان مىللەتچىلىك ھەرىكىتى. غەربىي سامۇئا ئەسلىدە گېرمانىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، خەلقئارا بىرلەشمە يېڭى زېلاندىيىنى ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا تەيىنلىگەن، غەربىي سامۇئا خەلقى مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن مائو (ئاھاڭ تەرجىمىسى، ئىتتىپاق دېگەن مەنىدە) ھەرىكىتىنى ئەۋج ئالدۇرغان. <سامۇئا سامۇئالىقلارنىڭ> دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇنىڭدىن باشقا مەمۇرىي ئاپپارات تەسىس قىلىپ، باج تاپشۇرۇشنى رەت قىلىش يولى بىلەن مۇستەملىكىچى دائىلىرىلىرىگە قارشى تۇرغان. 1928-يىلنىڭ باشلىرىدا، يېڭى زېلاندىيە ئەسكەر چىقىرىپ، مائو ھەرىكىتىنى باستۇرغان، ئۇنىڭ ئەزالىرىنى قولغا ئالغان ۋە سۈرگۈن قىلغان. ئۇنىڭ رەھبىرى تاماسېسنى قاماپ قويغان. غەربىي سامۇئا خەلقى داۋاملىقى قارشىلىق كۆرسەتكەن. 1934-يىلى يېڭى زېلاندىيە سامۇئا خەلقىنىڭ يەرگە ئىگە بولۇش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش بويىچە ئەنئەنىۋى تۈزۈمىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان. 1936-يىلى زىيانكەشلىك قىلىش تەدبىرلىرىنى بىكار قىلغان، مائو ھەرىكىتىنىڭ سۈرگۈن قىلىنغان ئەربابلىرى غەربىي سامۇئاغا قايتقان.