Uyghur主要词典
مائاش يېرى تۈزۈمى
دۇنيا تارىخى
چاۋشيەندىكى سىللا دۆلىتىدىكى يەر تۈزۈملىرىنىڭ بىرى. فېئوداللىق دۆلەت مەمۇرىي ۋە ھەربىي ئەمەلدارلارغا يەرنى ماددىي مائاش ئورنىدا، ئەمەل دەرىجىسىگە قاراپ ئىنئام قىلىپ بەرگەن. مىلادى 687-يىلى (شېنۋېنۋاڭنىڭ 7-يىلى) دىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. 689-يىلى (شېنۋېنۋاڭنىڭ 9-يىلى) مائاش يېرى توختىتىلىپ، ئىجارە يىغىشقا ئۆزگەرتىلگەن. 757-يىلى (جىڭدىۋاڭنىڭ 17-يىلى) ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، سىللانىڭ ئاخىرقى دەۋرىگىچە داۋاملاشقان.