Uyghur主要词典
ماتۇرىدىيە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىدىكى ئىلمىي تەۋھىد ئېقىملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئەل ئەشئەرىيە، تەھاۋىيە بىلەن قوشۇلۇپ، سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئۈچ چوڭ ئىلمىي ئەقىدە ئېقىمى دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىناۋىتى ئەشئەرىيەنىڭكىگە يەتمەيدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەشھۇر مۇتەكەللىمۇن ماتۇرىد (؟ - 944) بۇ ئېقىمغا ۋەكىللىك قىلغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ماتۇرىد ئەشئەرى بىلەن دەۋردار ئىدى. سەييىد مۇرتەزانىڭ <قىسسەسۇل ئۆلەما> ناملىق ئەسىرىدە خاتىرىلىنىشىچە، ماتۇرىد <رىسالە ئەل تەۋھىد>، <كىتابۇل قامۇس> قاتارلىق بەش ئەسەر يازغان. <فىقھى ئەكبەر> (ئەمەلىيەتتە بۇ ئەسەرنى ئەبۇ ھەنىفەنىڭ شاگىرتلىرى يازغان) ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن. ماتۇرىدىيە ئېقىمى ئسىلام دىنى ئېتىقادىنى پىكىرەنلىك ئۇسۇل بىلەن چۈشەندۈرۈش ۋە دەلىللەشنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەم مۇئتەزىلىيە ئېقىمىنىڭ راتسىئونالىزمغا قارشى تۇردى، ھەم ئىبنى ھەنبەلىنىڭ ئىدراك پائالىيەتلىرىنى مۇتلەق چەتكە قاقىدىغان خاھىشقا قارشى تۇردى. مۆتىدىل ھالەتتىكى مۇرەسسەچىلىك كۆز قارىشىغا مەنسۇپ بولدى. ئەبۇ ھەنىفەنىڭ نامى مەشھۇر بولغانلىقتىن بولسا كېرەك، ماتۇرىدىيە كۆپ ھاللاردا ئەبۇ ھەنىفىيە دەپ قارىلىپ، دىئالېكتىك تەپەككۇر ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلغان شافىئىييە فىقھچىلىرىدىن پەرقلەندۈرۈلدى. لېكىن، ھەنەفىيەنىڭ ئىچكى قىسىمىدا ماتۇرىدىيەنى قوبۇل قىلىش ۋە قوبۇل قىلماسلىقتىن ئىبارەت ئىككى خىل خاھىش ئۇزۇندىن مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. ماتۇرىدىيە ھەنەفىيەنىڭ بەزى ئىدىيىلىرىگە ۋارىسلىق قىلغانلىقتىن، ئەشئەرىيەچىلەر بىلەن ئوتتۇرىسىدا بەزى ئىختىلاپلار مەۋجۇت بولدى. بۇ ئىختىلاپلار تۆۋەندىكىچە: (1) ئەشئەرىيەچىلەر ئاللانىڭ ئەمرى ھەممىنى بەلگىلىگەن دەيدىغان تەقدىرچىلىكنى تەكىتلەپ، ئاللانىڭ ئىنساننى ياخشىلىققا بۇيرۇشى شەيئى تەبئىيىتىنىڭ ياخشى بولغانلىقىدىن ئەمەس، ئاللانىڭ ئىنساننى يامانلىقتىن توسۇشى شەيئى تەبىئىيىنىڭ يامان بولغانلىقىدىن ئەمەس. ياخشىلىق ياكى يامانلىق پۈتۈنلەي ئاللانىڭ ئىرادىسى بويىچە بولىدۇ. شۇڭا ئاخىرەتتىكى مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش بىلەن ھەرىكەت قىلغۇچىنىڭ ئەخلاقى مۇناسىۋەتسىز بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن، ئەبۇ ھەنىفە ۋە ماتۇرىدلار ئېتىراپ قىلىدۇكى، ئىنساندا ئىرادە ئەركىنلىكى بولىدۇ. شەخس ھەرىكىتى مەجبۇرىي ئەمەس، ئىختىيارىي بولىدۇ. شۇڭا ئۆز ھەرىكىتىنىڭ ياخشى ياكى يامان بولۇشىغا ئۆزى جاۋابكار بولۇشى كېرەك ياكى ئاخىرەتتە مۇكاپاتلىنىشى ياكى جازالىنىشى لازىم. (2) ئەشئەرىيەچىلەر تەقدىرچىلىكت چىڭ تۇرۇش بىلەن بىللە، ئاللانىڭ ئىنساننىڭ يامان قىلمىشىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ. كىشىلەر قۇتقۇزۇلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، دېيىشنى ئىنكار قىلىدۇ. لېكىن، ئەبۇ ھەنىفەنىڭ قارىشىچە، ئىنساننىڭ يامانلىقى ئاللانىڭ ئىرادىسى بىلەن بولىدۇ. ئاللا ئىرادە قىلمىسا ئۇنداق بولمايدۇ؛ ماتۇرىدىيە قەتئىي ئىشىنىدۇكى، ئىنسان ئاخىرەتتە چوقۇم قۇتقۇزۇۋېلىنىدۇ. چۈنكى، ئىنسان ئۆزىنىڭ ئەخلاق قىلمىشىغا ئىشىنىدۇ. ماتۇرىدىيە ئىنساندىكى ياخشى تەبىئەت ۋە ئەخلاق تۇيغۇسىنىڭ رولىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن، ئەشئەرىيەچىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ جانلىق، تېخىمۇ كەڭ قورساق بولدى. بۇ ئىدىيىلەر كېيىنرەك ئەشئەرىيەچىلەرگىمۇ سىڭىپ كىرىپ تەسىر كۆرسەتتى. مەسىلەن، مىسىردا ماتۇرىدىيەگە ۋارىسلىق قىلغۇچى نەسەفى (؟ - 1142) نىڭ ئىلمىي تەۋھىد ئەسىرى <شەرھى ئەقائىد> ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇزۇن مۇددەت دەرسلىك قىلىندى. يېقىنقى زامان ئىسلام تەلىم - تەربىيچىسى، ئىسلاھاتچىسى مۇھەممەد ئابدۇمۇ ماتۇرىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. لېكىن، ئەنئەنىۋى كۆز قاراشنى نەزەرگە ئېلىپ، ماتۇرىدنىڭ نامىنى ئاغزىدىن چىقارمىدى.