Uyghur主要词典
ماتۇرىدى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مۇتەكەللىمۇن. ماتۇرىدىيەنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى. ئەشئەرى، تەھاۋىلار بىلەن ئەنئەنىۋى ئىلمىي تەۋھىدكە ئاساس سالغان ئادەم. سەمەرقەنتلىك. ئىنساننىڭ ئىرادىسى ۋە ھەرىكىتىنى ئاللا يارىتىدۇ. لېكىن، مۇمكىن بولىدىغان ئىككى خىل ھەرىكەتتە ئادەمنىڭ قۇۋۋىتىگە ئاللا يېتەكچىلىك قىلمايدۇ؛ ئاللانىڭ مۇكاپاتى ۋە جازاسى ئىنساننىڭ ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، دېگەننى تەشەببۇس قىلدى. ياخشى ئادەمنىڭ جازالىنىشى ئىدراكقا خىلاپ، دەپ قارىدى. ئىدراك بىلەن كىتابىتىن ئىبارەت بۇ ئىككىسىنىڭ ئاللانى كۆرۈشىنىڭ مۇمكىنلىكى توغرىسىدا يەكۈن چىقىرالايدىغانلىقىنى، ئاللا توغرىسىدىكى بىلىمنى ۋەھىي ئەمەس، بەلكى ئىدراك بېرىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. بۇ كىشى <شەرھى ئەقائىد ئىزاھاتى>، <ئىلمىي ۋاھىد> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى.