Uyghur主要词典
ماتروسوۋ
دۇنيا تارىخى
(1924 - 1943) سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى. ئىشچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. كىچىكىدە ئاتا - ئانىسىدىن يېتىم قېلىپ، ئۆسمۈرلەر تەربىيە يۇرتىدا چوڭ بولغان. كېيىن ياردەمچى تەربىيلىگۈچى بولۇپ قېپقالغان. ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ ئىككىنچى يىلى ھەربىيىگە قاتىنىشىپ، پىيادە ئەسكەرلەر مەكتىپىدە تەلىم - تەربىيە ئالغان ھەمدە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. بىر ئايدىن كېيىن ئۆز خاھىشى بىلەن ئالدىنقى سەپكە بېرىپ، 56 - گۋاردىيە پىيادە ئەسكەرلەر دېۋىزىيىسىدە جەڭجى بولغان. 1943 - يىلى 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، گېرمان ئارمىيىسى بىلەن چارنوشكا كەنىتىنى تالىشىش جېڭىدە، دۈشمەن ئىستىھكامىدىكى پىلىموتنى كۆكرىكى بىلەن توسۇپ لىيەندۈينىڭ ھۇجۇم قىلىشىغا يول ئېچىپ بەرگەن. قۇربان بولغاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى دەپ نام بېرىلگەن.