Uyghur主要词典
مارت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يىل 12 ئاينىڭ ئۈچىنچىسىنىڭ نامى.
مارت لاتىنچە Martius دىن كەلگەن. قەدىمكى رىملىقلار ئۇرۇش ئىلاھى Mars قا بولغان ئىخلاسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئۇنى بۇ ئاينىڭ نامى قىلغان.
3 - ئاي چوڭ ئاي؛ 31 كۈنلۈك.
8 - مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى (1910 - يىل).
12 - مارت جۇڭگو كۆچەت تىكىش بايرىمى (9791 - يىل).
3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى كۈن بىلەن تۈن تەڭلىشىدۇ، ئۇندىن كېيىن كۈن ئۇزىراشقا باشلايدۇ.
3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى نورۇز بايرىمى بولىدۇ.
3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى - گرېتسىيىنىڭ دۆلەت بايرىمى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<لاتىنچە
بۇ قەدىمكى رىم ئىلاھلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئەسلىي نامى >مارس< بولۇپ، مىلادىيە كالېندارىنى تۈزگۈچىلەر بۇ ئاينى مارسنىڭ نامى بىلەن ئاتاشقا كېلىشىپ >مارس< سۆزىنى >مارت< قا ئۆزگەرتكەن.
>ئاستر<مىلادىيە كالېندارى بويىچە 3 - ئاينىڭ نامى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
بۇرۇننى تارتقاندا ياكى مىشقىرغاندا چىقىرىدىغان ئاۋاز.
ياسىن بۇرنىنى >مارت< قىلىپ تارتىپ قويۇپ خېتىنى يېزىۋەردى.