Uyghur主要词典
ماراكاندا
دۇنيا تارىخى
يەنى سەمەرقەند، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمىي شەھەر، قەدىمكى سوغدىيانىڭ پايتەختى، ھازىرقى ئۆزبىكىستاندىكى سەمەرقەند. جۇڭگو تارىخلىرىدا 悉万 斤,寻思干,飒秣建 ياكى 撒马儿罕 دەپمۇ ئاتالغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىردىن Ⅴ ئەسىرگىچە بولغان ئارىىلقتا قۇرۇلغان بولۇپ، پېرسىيە ئىمپېرىيىسىگە تەۋە بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىردىن كېيىن، ماكىدونىيە پادىشاھى ئالېكساندر ۋە باكتېرىيە، خارەزىم قاتارلىقلار پادىشاھلىقلارنىڭ ئارمىيىلىرى ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ئۇ يەرگە بېسىپ كىرگەن. 13 - ئەسىرنىڭ باشلىرى ئەرەبلەر تەرىپىدىن ئىستېلا قىلىنىپ، ئىسلام دىنى مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. 13 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى موڭغۇللار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. كېين تېمۇر ئىمپېرىيىسىگە تەۋە بولۇپ پايتەخت قىلىنغان. ماراكاندا شەرق بىلەن غەربنىڭ مۇھىم قاتناشا تۈگۈنىگە جايلاشقان بولۇپ، جۇڭگونىڭ يىپەكلىرى، ساپال بۇيۇملىرى ۋە يۇڭ - تېرە بۇيۇملىرى شۇ يەر ئارقىلىق ھىندىستان ياكى غەربكە توشۇلاتتى. 19 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بۇ يەردە ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئېلىپ بېرىلىپ، ئوردا، مەسچىت، بۇتخانا قاتارلىق قۇرۇلىملار ۋە باشقا نۇرغۇن ئاسار ئەتىقىلەر تېپىلدى.