Uyghur主要词典
مارنې دەرياسى جېڭى
دۇنيا تارىخى
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە فرانسىيە تەۋەلىكىدە بولغان ئىكى قېتىملىق جەڭ. مارنې دەرياسى رايونىدا بولغان كەسكىن جەڭ بولغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. (1) 1914-يىل 9-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە گېرمان قوشۇنلىرى چېگرىدىكى جەڭنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن پارىژغا قىستاپ كېلىپ، شەرقىي جەنۇبىي يۆنىلىشنى بويلاپ فرانسىيە - ئەنگلىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنى فرانسىيىنىڭ پايتەختىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلىشقا ئۇرۇنغان. 9-ئاينىڭ 3-كۈنى، گېرمان قوشۇنلىرى مارنې دەرياسىدىن ئۆتكەن. 5-كۈنى، فرانسىيە قوشۇنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق قايتۇرما ھۇجۇمنى قانات يايدۇرغان؛ 6-كۈنىدىن باشلاپ فرانسىيە - ئەنگلىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى پارىژ - ۋېردۇن سېپىنى بويلاپ ئومۇميۈزلۈك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن. 9-كۈنى، گېرمان قوشۇنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىپ، چېكىنىشكە باشلىغان. 15-كۈنى، فرانسىيە قوشۇنى ھۇجۇمنى توختاتقان. بۇ قېتىمقى جەڭ غەربىي سەپتىكى گېرمان قوشۇنىنىڭ چاقماق تېزلىكىدىكى ئۇرۇشىنىڭ بەربات بولغانلىقىنى جاكارلىغان. (2) 1918-يىلى 5-ئايدىن 6-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، گېرمان قوشۇنى سۇۋاسۇڭ بىلەن رېيمىس ئارىلىقىدىكى فرانسىيە قوشۇنىنىڭ مۇداپىئە لىنىيىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، مارنې دەرياسىغا قىستاپ كەلگەن. 7-ئاينىڭ 15-كۈنى، گېرمان قوشۇنى ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچىنى توپلاپ مارنى دەرياسىدىن ئۆتۈپ، فرانسىيە قوشۇنى سېپىگە 3 - 10 كىلومېتىر ئىچكىرىلەپ كىرگەن. 7-ئاينىڭ 18-كۈنى، كېلىشىم تۈزگەن دۆلەتلەر ئارمىيىسى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن، 21-كۈنى گېرمان قوشۇنى چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان. 8-ئاينىڭ 4-كۈنى، پۈتكۈل جەڭ گېرمان قوشۇنىنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشقان. شۇنىڭ بىلەن گېرمانىيىنىڭ دۇنيا ئۇرۇشىدىكى مەغلۇبىيەت ۋەزىيىتى مۇقىملاشقان.