Uyghur主要词典
مانا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆرسىتىش ئالماشلىرى. سۆزلىگۈچىنىڭ ئۆزى كۆرۈپ تۇرغان ياكى ئۇنىڭدىن خەۋەردار بولغان نەرسىلەر ھەققىدە ئېيتىلىدۇ.
«مەزكۇر» دىن باشقىلىرى كۆپلۈك قوشۇمچىسىنى ئالىدۇ.
بۇ كىتاب مېنىڭ. مۇشۇ كۈنلەردە نەدە يۈرۈسەن. مۇنۇنى ئال. مانا مۇشۇ چاپان چىرايلىق ئىكەن. ئۇشبۇ خەت ئاكام توختىغا تەگسۇن. مەزكۇر پىلاننى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئال. ماۋۇ يەردە.
- شاھىدە قىزىم نەدىسەن؟ - مانا، مەن بار، ھامما ئاچا.
ئال. سۆزلىگۈچىنىڭ قولىدىكى، يېنىدىكى نەرسىنى ياكى بولۇۋاتقان، بولغان ۋەقە - ھادىسىلەرنى كۆرسىتىشكە قوللىنىلىدۇ.
كىچىك بالىنى سوغۇقتا يېتىلەپ ئاۋارە بولمىسىلا، ئەمدى ئۆزىمۇ كېلىپ قالار، شەھەر دېگەن مانىغۇ.
يۈكلىمە ۋەزىپىسىدە كېلىپ: 1( جۈملىدە ئۇقۇلىدىغان مەقسەتكە ئاڭلىغۇچىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.
مانا، ھەممە ئوقۇغۇچىلار كېلىپ بولدى.
مانا، ئىش چاتاق بولدى.
2)بەزىدە تېزلىك ئىماسىنى بىلدۈرۈپ كېلىدۇ.
مانا، ھازىر بارىمەن.
مانا بىردەمدىلا تەييار بولىدۇ.
3( ئۆزىدىن كېيىنكى كىشىلىك ئالماشلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ كېلىدۇ.
مانا بۇلار نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپە ئىدى.