Uyghur主要词典
مامىڭلۇڭ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1597 - 1679)مىڭ سۇلالىسى ۋە چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن مۇددەرىس. جياڭشيا (ھازىرقى ۋۇخەن) لىك. خۇيزۇ. مەرتىۋىلىك ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. كىچىكىدە دادىسىدىن خەنزۇچە ۋە ئەرەبچە ئۆگەنگەن. كېيىن نىڭشانىڭ تۇڭشىن شەھىرىگە بېرىپ فېن بەييەننى ئۇستاز تۇتتى. فېن شياۋچۇەننىڭ قولىدا يەنە ئۈچ يىل ئوقۇدى. يۇرتىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۆيىدە بېرىلىپ تەتقىق قىلدى. دىنىي بىلىمدە كامالەتكە يېتىپ، چاڭ جىمېي، لى دىڭخۇەن، ماجۇنشىلار بىلەن بىر قاتاردىكى ئۆلىما ھېسابلاندى. تەكلىپ بىلەن لۇجۇغا بېرىپ دەرس ئۆتتى. بىرنەچچە كىتاب يازدى.