Chinese→Uyghur主要词典
玛丽亚一路易莎
دۇنيا تارىخى
مارىيە لۇئىسا
(1751 - 1819) ئىسپانىيە خانىكىسى (1788 - 1803). يارما گېرتسوگى فېلىپ Ⅰ (1702 - 1765) نىڭ قىزى. 1765-يىلى ئىسپانىيە كورۇلى كارلوس Ⅲ نىڭ ئوغلى، ئاۋسترىيە شاھزادىسى كارلوس (يەنى كارلوس Ⅳ) بىلەن تۇرمۇش قۇرغان. 1788-يىلى كارلوس تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن خانىكە بولۇپ، كورۇلنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ، ئوردا ئىشلىرىغا ئارىلاشقان. ئىسپانىيىنىڭ فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن، ئېرى كارلوس Ⅳ ۋە ئەتىۋارلىق ۋەزىرى گودوي بىلەن فرانسىيىنىڭ كومپېن دېگەن يېرىگە كۆچۈپ كەلگەن، كېيىن مارسېل ۋە رىمغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان، رىمدا ۋاپات بولغان.