Chinese→Uyghur主要词典
玛丽亚.克里斯亭娜一世
دۇنيا تارىخى
مارىيە كرىستىنا Ⅰ
(1806 - 1878) ئىسپانىيىنىڭ نائىب كورۇلىۋاسى (1833 - 1840). نېئاپولدا تۇغۇلغان. ئىكى سىتسلىيە كورۇلى فرانسېس Ⅰ (1777 - 1830) نىڭ قىزى. 1829-يىلى فېردىناند بىلەن تۇرمۇش قۇرغان. 1833-يىلى فېردىناند ئۆلۈپ كېتىپ، ئوغلى بولمىغانلىقتىن، ئۈچ ياشلىق چوڭ قىزى ئىسابېللانى تەختكە چىقىرىپ، ئۆزى نائىبلىق قىلغان. 1833 - 1839-يىلى كارلىسىس ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، بۇرژۇئازىيىنىڭ قوللىشى بىلەن لىبېرالىزملىق ئىسلاھاتنى يولغا قويغان. ئۇرۇش ئايغانلاشقاندىن كېيىن ئەكسىيەتچىل سىياسەت ئىجرا قىلغان. 1840-يىلى قوزغىلاڭ پارتلاپ، چەتكە كېتىشكە مەجبۇر بولغان. 1843-يىلى قوزغىلاڭ پارتلاپ، چەتكە كېتىشكە مەجبۇر بولغان. 1843-يىلى قايتىپ كەلگەن. ئىسابېلانىڭ بالاغەتكە يەتكەنلىكى جاكارلانغاندىن كېيىنمۇ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ كەلگەن. 1854-يىلى يەنە ئىسپانىيە ئىنقىلابى پارتلاپ چەتكە چىقىپ كەتكەن، كېيىن فرانسىيىدە ئۆلگەن.