ماياقⅡ(ما:ياق)[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[قۇرۇلمىسى:]]ما+ياق[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] ① مانا بۇ تەرەپ؛ بۇ ياق:[مىسال:] ماياققا ماڭ، لۈكچەك ئۇ كەلگەن پېتى نادىرنىڭ چاپىنىنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپ بىر تارتىۋىدى، چاپاننىڭ ياقىسى سۆكۈلۈپ، گەجگىسىگە بېرىپ توختىدى.[يەشمىسى:] ② ماۋۇ كىشى، ماۋۇ ئادەم:[مىسال:] ماياق سىزنى ئىزدەپ كەپتۇ، دېدى ئۇ ماڭا ناتونۇش بىر ئادەمنى كۆرسىتىپ.