Uyghur主要词典
ماياق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ چوڭ تەرىتى.
كۆزىنى يۇمغان پوقىنى يەر. ئېشىمدا يوق پۇرچاق پوقۇمدا نېمە قىلسۇن. ئورۇق كالىنىڭ پوقى يوغان. بەخىتسىز قىز تېزەك تەرگىلى چىقسا، كالىلار سۇغا تېزەكلەپتۇ. بارنىڭ مايىقى تېگەر، يوقنىڭ تايىقى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ماياق.
تۆگە مايىقى. بۇ سۆز بۇرۇن تۆگە مايىقىغا خاس ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، كېيىنچە « قوي ماياقى _ قوي مايىقى» دېگەن سۆز مۇشۇنىڭدىن ئېلىنغان. پەقەت ئات تېزىكى « يۇنداق» دېيىلىدۇ. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: تەۋە بەدۈك ئەرسە ماياقى بەدۈك ئەرمەس _ تۆگە چوڭ بولسىمۇ، مايىقى چوڭ بولماس. بۇ ماقال چوڭنىڭ چاكىرى بولۇپ تۇرۇقلۇق، ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان ئادەمگە قارىتىپ ئېيتىلىدۇ، «چوڭلۇق ساڭا ئەمەس، سېنىڭ ئىگەڭگە يارىشىدۇ» دېگەنلىك بولىدۇ.
3 - 229
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
خاس ئىسىم
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
پاسكىنىلىق، ئوغۇت، ماياق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قوي، ئۆچكە، تۈگە قاتارلىق بەزى ھايۋانلارنىڭ، توخۇ، كەپتەر قاتارلىق بەزى قۇشلارنىڭ يۇمىلاق ياكى قاتتىقراق پوقى.
ئورۇق قوينىڭ مايىقى چوڭ (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ما:ياق()ما + ياق
ئالماش
جان ت مانا بۇ تەرەپ؛ بۇ ياق.
- ماياققا ماڭ، لۈكچەك! - ئۇ كەلگەن پېتى نادىرنىڭ چاپىنىنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپ بىر تارتىۋىدى، چاپاننىڭ ياقىسى سۆكۈلۈپ، گەجگىسىگە بېرىپ توختىدى.
ماۋۇ كىشى، ماۋۇ ئادەم.
- ماياق سىزنى ئىزدەپ كەپتۇ، - دېدى ئۇ ماڭا ناتونۇش بىر ئادەمنى كۆرسىتىپ.