Uyghur主要词典
ماگېللان
مەشھۇر شەخسلەر
جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىـدىـكـى ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن تىنچ ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان دېـڭـىـز بـوغۇزى ماگېللان بوغۇزى دەپ ئاتىلىدۇ؛ چىلىدىكى ئەڭ چوڭ رايـون مـاگـېللان دەپ ئاتىلىدۇ؛ ئاسماندا يەنە چوڭ - كىچىك «ماگېللان بۇلـۇتـى» بـار، بـۇلارنـىـڭ ھەممىسى پورتۇگالىيىلىك مەشھۇر دېڭىزچى ماگېللان (1480 −1521 ) نىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ، كىشىـلـەرنـىـڭ مـاگېللاننىڭ ئىنسانلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق يەر شارىنى دېڭـىـزدا ئايلانغانلىقىنى مەڭگۈ خاتىرىلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
ماگېللان يەر شارىنىڭ يۇمىلاقلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، غەربىي يېـرىـم شارغا دېڭىز سەپىرى قىلىش قارارىغا كېلىدۇ.1518 - يىلى، ماگېللان يـىـراق دېڭىز سەپىرى ئەترىتىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئىسپانىيـە ئۈچـۈن ئاتلانتىك ئوكياندىن نامخائىغا بارىدىغان دېڭىز لىنىيىسىنى ئاچىدۇ.1519 - يىل9 - ئاينىڭ20 - كۈنى، ماگېللان توققۇز دۆلەتتـىـن كـەلـگـەن270 مـاتـروس بىلەن بەش كېمە ئەترىتىنى باشلاپ سانلۇكا دېڭىز پورتىدىن يولغا چـىـقـىـدۇ.1520 - يىل10 - ئاينىڭ21 - كۈنى، كېمە ئەتـرىـتـى جـەنـۇبـىـي ئامـېـرىـكـا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىي چېتى بىلەن ئوتلۇق يەر ئارىلى ئوتتۇرىسىدىكى دېڭـىز بوغۇزى (ھازىر ماگېللان بوغۇزى دەپ ئاتىلىدۇ)دىـن ئۆتكەندە، كېمـە ئەترىتىدە ئاران ئۈچ كېمە قېپقالىدۇ،10 - ئاينىـڭ28 - كۈنى «نـامـخـائى»غـا يېتىپ كېلىدۇ، بۇ جايدا سۇ يۈزى تىنچ بولغاچـقـا «تـىـنـچ ئوكـيـان»دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئىسىم تا ھازىرغىچە قوللىنىلىۋاتىدۇ. ئۇلار تىنچ ئوكـيـانـدا بەش ئاي يۈرۈپ،1521 - يىل3 - ئاينىڭ28 - كۈنى فىلىـپـپـىـنـنـىـڭ مـېـدان ئارىلىغا يېتىپ كېلىپ، ئىسپانىـيـە ئۈچـۈن ئاتلانتىك ئوكـيانـدا تـۇنـجـى ئىتتىپاقداشنى تاپىدۇ. ماگېللان كېـيـىـن شـۇ جـايـدىـكـى ئاھالـىـلەرنـىـڭ ماجراسىغا ئارىلىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، يەرلىكلەر تەرىپىدىن ئۆلتـۈرۈلـىـدۇ. ماگېللان ئۆلگەندىن كېيىن، ئېركانـو بـىـر كـېـمـە بـىـلـەن21 ماتـروسـقـا قوماندانلىق قىلىپ، ھىندى ئوكيان ئارقىلىق ئۈمىد تۇمشۇقىنى ئايـلـىـنـىـپ ئۆتۈپ، ئاتلانتىك ئوكيانغا كېلىپ، ئىنسانلار تارىخىدىكى تۇنجى قېتىـمـلـىـق يەر شارىنى ئايلىنىش سەپىرىنى تاماملاپ، يەرنىڭ شار شەكلىدە ئىكەنلـىـكـى توغرىسىدىكى نەزەرىيىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 1480 - 1521) پورتۇگالىيە دېڭىزچى. رىتسارلىقتىن كېلىپ چىققان. 1505 - 1512 يىللىرى ۋە 1513 - 4151-يىللىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا پورتۇگالىيىنىڭ ھىندىستان ۋە ماراكەشتە تۇرۇشلۇق ئارمىيىسىدە خىزمەت ئۆتىگەن. پورتۇگالىيە كورۇلى مانۇئېل Ⅰ گە غەرب تەرەپتىكى سۇ يولى بىلەن ىۋاسىتە مالاككا تاقىم ئاراللىرىغا (ھازىرقى مالاككا تاقىم ئاراللىرى) بارىدىغان سۇ يولىنى ئىزدەش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بىراق رەت قىلىنىشقا ئۇچرىغان. 1517-يىلى ئىپسناىيىگە بېرىپ، مۇھاجىر بولۇپ ئولتۇراقلاشقان، ئۇزاق ئۆتمەي ئىسپانىيە كورۇلى كارلوس Ⅰ نىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىنى قولغا كەلتۈرگەن. 1519-يىل 9-ئاينىڭ 20-كۈنى كورۇلنىڭ ئەمىرى بىلەن ماگېللان باشچىلىقىدىكى 265 نەپەر دېڭىزچى بەش كېمىگە ئولتۇرۇپ، ئىسپانىيىنىڭ سان لۇكار پورتىدىن يولغا چىقىپ، ئاتلانتىك ئوكياندىن ئۆتۈپ، بىرازىلىيىنىڭ دېڭىز قىرغاقلىرىنى بويلاپ جەنۇبقىا قاراپ يۈرۈپ، جەنۇبىي ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن ئوتلۇق يەر ئارىلى ئوتتۇرىسىدىكى بوخسان - خولتسىئون دېڭىز بوغۇزى (بۇ، كېيىن ماگېللان بوغۇزى دەپ ئاتالغان) ئارقىلىق تىنچ ئوكيانغا كىرگەن. يەنە داۋاملىق غەربكە قاراپ يۈرۈپ، 1501-يىل 3-ئاينىڭ 16-كۈنى فىلىپىنگە يېتىپ كەلگەن. ماكتان ئارىلىنىڭ ئىچكى ئۇرۇشىغا ئارىلاشقانلىقتىن، 4-ئاينىڭ 27-كۈنى يەرلىك خەلقلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. 1521-يىلى 11-ئايدا قالغان دېڭىزچىلار مالاككا تاقىم ئاراللىرىغا يېتىپ كەلگەن، ئۇ يەردە خۇش پۇراق دورا - دەرمەكلەرنى ئالغاندىن كېيىن بىردىنبىر ئامان قالغان <ۋىكتورىيە> ناملىق يەلكەنلىك كېمىسىنى ھەيدەپ، ھىندى ئوكياننى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، ئافرىقىنى ئايلىنىپ ئۆتۈش ئارقىلىق 1522-يىل 9-ئاينىڭ 6-كۈنى سان لۇكار پورتىغا قايتىپ كەلگەندە ئارانلا 18 كىشى ھايات قالغان. بۇ قېتىمقى يەر شارىنى ئايلىنىش سەپىرى، يەر شارىنىڭ يۇمىلاق شار شەكلىدە ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى تەلىماتنى ئىسپاتلاپ چىققان. بۇ، ئىلىم - پەننىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە <جۇغراپىيىلىك چوڭ كەشپىيات> قا قاراڭ.