Uyghur主要词典
مادرىدتىكى ماي قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
ئىسپانىيىدىكى مادرىد خەلقىنىڭ فرانسىيەگە قارشى قوزغىلىڭى. 1808 - يىلى 4 - ئايدا، ئىسپانىيىدە سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، چارلېس Ⅳ ئاغدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى ۋېردىناد Ⅶ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. ناپولېئون ئىسپانىيەنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ چارلېس Ⅳ ۋە فېرىدىناد Ⅶ نى ۋەتىنىدىن فرانسىيەنىڭ چېگرا شەھىرى بايوننېغا ئالداپ كەلگەن، كېيىن ئىسپانىيە خان جەمەتىدىكى بارلىق خادىملارنى ۋەتەندىن ئايرىلىپ فرانسىيگە بېرىشقا بويرۇغان. 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، مادرىد شەھەر ئاھالىسى خان ئوردىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، خان جەمەتىدىكىلەرنىڭ ۋەتەندىن ئايرىلىشىنى توسقاندا، فرانسىيەنىڭ ئىسپانىيىدە تۇرۇشلۇق قوشۇنى تەرىپىدىن ئۇققا تۇتۇلغان، شۇنىڭ بىلەن قوزغىلاڭ پارتلىغان. فرانسىيە قوماندانى مارات 25 مىڭ ئەسكەر توپلاپ باستۇرۇپ، بىر كۈن ئىچىدە مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرگەن. قوزغىلاڭ گەرچە باستۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئارقا - ئارقىدىن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرغان.