Uyghur主要词典
مادرىد مۇداپىئە ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ پايتەخت مادرىدنى مۇھاپىزەت قىلىشتىكى ھەل قىلغۇچ جەڭ. فرانكونىڭ توپىلاڭچى قوشۇنى 1936 - يىلى 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىن باشلاپ مادرىدقا قورشاپ ھۇجۇم قىلغان. مادرىدنى قوغدىغۇچى قوشۇن توپقا تۇتۇلغان، بومباردىمان قىلىنغان، ماددىي ئەشيا ۋە ئاشلىق تەمىناتى قىيىن بولغان ئەھۋالدىمۇ، ئارمىيە ۋە خەلق مادرىدنى 29 ئاي قوغدىغان. 1939 - يىلى 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئىككى تەرەپنىڭ كۈچىدىكى پەرق ناھايىتى زور بولغاچقا ۋە ئىچكى جەھەتتە بۆلۈنۈش كېلىپ چىققاچقا، مادرىد قولدىن كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئىچكى ئۇرۇش ئاياغلاشقان. <ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى> غا قارالسۇن.