Uyghur主要词典
لۇشۈن
جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى
جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ باشلىنىشى ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونىڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرى، ئەدىبى، ئىنقىلابچىسى لۇشۈن (1881 −1936 - يىللار)نىڭ ئىسمى بىلەن باغلىنىدۇ. ئىلىم - پەن ۋە دېموكراتىيە، جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى باشلىنىشى بىلەنلا لۇشۈن ئۆتكۈر فېليەتونلىرى ۋە يېڭىچە ھېكايىلىرى بىلەن چۇقان سېلىپ چىقىپ كېلىپ، يېڭى مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ سەركەردىسى ۋە بايراقدارىغا ئايلاندى.1918
- يىلى5 - ئايدا لۇشۈن «يېڭى ياشلار» ژۇرنىلىدا «سەۋدايى خاتىرىسى»نى ئېلان قىلدى. بۇ جۇڭگو ئەدەبىيات تارىخىدىكى ھازىرقى زامان ئۇسلۇبىدا، خەلق تىلى بىلەن ئىجاد قىلىنغان تۇنجى ھېكايە ھېسابلىنىدۇ. ھېكايىدە روھىي كېسەل بولۇپ قالغان بىرىنىڭ ئاغزىدىن پۈتكۈل فېئوداللىق جەمئىيەت تەنقىد قىلىنغان، فېئوداللىق قائىدە - يوسۇنلارنىڭ ئادەم يەيدىغانلىقى توغرىسىدا چۇقان سېلىنغان. ئۇنىڭ كەينىدىنلا، لۇشۈن بىرمۇنچە ھېكايىلەرنى يېزىپ، «چۇقان»، «تېڭىرقاش» توپلاملىرىغا كىرگۈزۈپ، ئەمگەكچىلەر ئاممىسىنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشىنى، زۇلمەتلىك جەمئىيەتنىڭ ئۇلارنى زەھەرلىگەنلىكى ۋە ئەزگەنلىكىنى كەڭ ھەم چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە «QA نىڭ رەسىمىي تەرجىمىھالى» ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن، دۇنياغا مەشھۇر ئەسەر.
QA يېزىدىكى بىر سەرگەردان، ئۆيى يوق، مۇقىم كەسپى يوق، پارچە - پۇرات مەدىكارلىق قىلىپ كۈن ئۆتكۈزىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ فامىلىسىمۇ يوق. بىر قېتىم ئۆزىنى جاۋ بېگىم بىلەن تۇغقان دەپ قويغانلىقى ئۈچۈن بىرنەچچە شاپىلاق يەيدۇ، يەنە ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۆڭلىكى سالدۇرۇۋېلىنىپ، پومېشچىكنىڭ بالىسىغا سۈيدۈك لاتىسى قىلىنىدۇ. QA ھەممىلا يەردە ئېزىلىش، ھاقارەتكە ئۇچرايدۇ، لېكىن ئۇ «روھىي غالىبىيەتچىلىك» ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قۇللۇق ئورنىنى ۋە خورلۇق ئەھۋالىنى ئاقلايدۇ، «ئازاب ئىچىدىن خۇشاللىق تاپىدۇ». ئۇ ئىنتايىن نامرات، يېنىدا بىر تىيىنىمۇ يوق، ئەمما ئۇ ئۆزىنىمۇ، باشقىلارنىمۇ ئالداپ، «مېنىڭ ئەجدادلىرىم سىلەردىن باي ئىدى! سەن قانچىلىك نېمىدىڭ!» دەپ ئويلايدۇ - دە، ساختا ئەجنەبىي شەيتاندىن ھېلىلا يېگەن قاتتىق تاياقنىمۇ ئۇنتۇپ كېتىدۇ. ئۇ ئازار يەپ، ئۆزىنى ئۆزى ئۇرۇشقا مەجبۇر بولغاندىمۇ ئەكسىچە ناھايىتى مەمنۇن بولۇپ، ئۆزىنى دۇنيادىكى بىرىنچى ئۆزىنى تۆۋەن تۇتىدىغان ئادەم دەپ ھېس قىلىدۇ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتىدىغان ئادەمدىن قالسىلا، بىرىنچى ئادەم ئەلىيۇلئەلا ئەمەسمۇ؟ ئۇ تاياق يېسە، «ئوغلى دادىسىنى ئۇرغان بولسۇن» دەپلا قانائەت تېپىپ، غەلىبە تۇيغۇسىغا چۆمىدۇ. QA مانا مۇشۇنداق روھىي غالىبىيەتچىلىك ئۇسۇلى ئارقىلىق مەغلۇبىيىتىنى غالىبىيەتكە، خورلۇقنى شەرەپكە ئايلاندۇرۇۋالىدۇ. لۇشۈن QA دىن ئىبارەت بۇ پېرسوناژ ئارقىلىق جۇڭگو چوقۇم بىر قېتىم ئىدىيىدە ئويغىنىش ھەرىكىتىنى قوزغاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىدىيىۋى سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، فېئوداللىق ئىدىيىنىڭ زەھەرلىرىنى تازىلىشى كېرەكلىكىنى، شۇنداق قىلغاندىلا جۇڭگو ئىنقىلابى غەلىبە قىلالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
لۇشۈن يەنە نەچچە مىليون خەتلىك فېليەتون يېزىپ ئەكسىيەتچى كۈچلەرگە زەربە بەرگەن، زۇلمەتلىك رېئاللىقنى پاش قىلغان، ئىلغار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى قوللىغان، فېئودال كونىلىقنى ساقلىغۇچىلارنىڭ يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىگە قىلغان تۆھمەتلىرىگە قايتۇرما زەربە بەرگەن. «يېڭى يېزىلغان كونا ھېكايىلەر» بىلەن «كەچتە ئۈزۈلگەن سەھەر غۇنچىسى» دېگەن بۇ ئىككى توپلاممۇ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى قىممەتلىك ئەسەرلەر ھېسابلىنىدۇ، ئالدىنقىسى تارىخ، رىۋايەت تېمىلىرىنى قايتىدىن ئىجاد قىلغان، كېيىنكىسى ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە كەچۈرمىشلىرىگە ئاساسەن يېزىلغان.
ئۆگىنىش
ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر ۋە ئەدىب لۇشۈن ئەپەندى ۋاقىتنى ئىنتايىن قەدىرلەيتتى. ئۇنىڭ: «ۋاقىت ھايات دېمەكتۇر، باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئورۇنسىز خورىتىش ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقتۇر» دېگەن ناھايىتى ھېكمەتلىك سۆزى بار.
لۇشۈن ئەپەندى ۋاقىتنى جېنىدىن ئەزىز كۆرەتتى، باشقىلار قەھۋە ئىچكەن، قۇرۇق پاراڭ سېلىپ ئولتۇرغان ۋاقىتلارنى ئۇ خىزمەت ۋە ئۆگىنىشكە سەرپ قىلاتتى. يەنە ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ۋاقىتنى قەدىرلەپ، ئىجتىھات بىلەن ئىشلىشىگە ۋە ئۆگىنىش قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلاتتى. ئۇ بېيجىڭدا تۇرغان مەزگىلىدە، قوشۇمچە كۇتۇپخانا قىلىۋالغان ياتاق ئۆيىنىڭ تېمىغا ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى شائىرى چۈي يۈەننىڭ: «ھېچقاچان غەم قىلمىغان كۈن چۆكسە تاغنىڭ كەينىگە، چۆچۈدۈم كۆكلەمدە بالدۇر كاككۇك چۈشۈپتۇ نەغمىگە» دېگەن ئىككى مىسرا شېئىرى بىلەن ئۆزى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدىغان ياپونىيىلىك ئۇستازى تېڭيى ئەپەندىنىڭ سۈرىتىنى ئېسىپ قويغانىدى. لۇشۈن «كەچتە ئۈزۈلگەن سەھەر غۇنچىلىرى» دېگەن ئەسىرىدە: «ھەر كۈنى كەچتە چارچاپ كېتىپ بىردەم كۆزۈمنى يۇمۇۋالغۇم كەلگەندە، چىراغ يورۇقىدىكى ئورۇق گەۋدەم خۇددى ماڭا جاراڭلىق ئاۋازدا بىر نەرسىلەرنى دەيدىغاندەك كۆرۈنۈپ كېتىدۇ. ئۇ مېنى ئۆزۈمنى تونۇشقا ئۈندەيدۇ ھەمدە غەيرىتىمنى ئاشۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر تال تاماكىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئۆزىنى ئالىيجاناب سانايدىغانلار چىش - تىرنىقىغىچە ئۆچ كۆرىدىغان بىر نەرسىلەرنى يېزىشنى داۋاملاشتۇرىمەن» دەپ يازغان. دېمەك، ئۇ چۈي يۈەننىڭ شېئىرى ۋە تېڭيى ئەپەندىنىڭ سۈرىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلغان.
دەل مۇشۇنداق ۋاقىتنى جېنىدەك قەدىرلەيدىغان روھنىڭ تۈرتكىسىدە، لۇشۈن قىسقىغىنا56 يىللىق ھايات مۇساپىسىدە تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەنلەرگە دائىر نۇرغۇن ساھەگە يۈرۈش قىلىپ،10 مىليون خەتلىكتىن ئارتۇق ئەسەر يېزىپ ۋە تەرجىمە قىلىپ، كېيىنكىلەرگە قىممەتلىك مەنىۋى مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن.