Chinese→Uyghur主要词典
伦巴德王国
دۇنيا تارىخى
لومباردىيە پادىشاھلىقى
لومباردلار ئىتالىيەنىڭ شىمالىي ۋە ئوتتۇرا قىسىملىرىدا قۇرغان فېئودال پادىشاھلىق. لومباردلار گېرمانلارنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، مىلادى Ⅰ ئەسرىدە ئېلبا دەرياسى تۆۋەن ئېقىمىنىڭ سول قىرغىقىدا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. Ⅴ ئەسرنىڭ باشلىرىدا دوناي دەرياسى ئوتتۇرا ئېقىمى ۋادىسىغا كۆچۈپ كەلگەن. كېيىن ئاۋارلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقتىن لومباردىيە كورۇلى ئالبوئېن ئۆز قوۋمىنى ۋە باشقا بەزى گېرمان قەبىلىلىرىنى باشلاپ، 568 - يىلى ۋاىزانتىيە ئىمپېرىيىسى ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئىتالىيەگە كىرىپ، لومباردىيە ۋە توسكانا رايونلىرىنى ئىگىلەپ، لومباردىيە پادىشاھلىقىنى قۇرغان، كېيىن يەنە پاۋىيە (لومباردىيىدە)نى ئىگىلەپ پايتەخت قىلغان. لومباردلار ئىتالىيەگە كىرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۇرۇقداشلىق قەبىلە تەشكىلاتلىرى تېزلىك بىلەن يىمىرىلىپ، كورۇل بىلەن ھەربىي ئاقسۆڭەكلەر چوڭ يەر ئىگىلىرىگە ئايلانغان. ئادەتتىكى ئۇرۇق ئەزالىرى مارك جامائەلىرىنى تەشكىللىگەن. ھەربىر ئائىلە بىر پارچىدىن يەرگە ئىگە بولغان. لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي قەرزا قاتارلىق سەۋەبلەر ئارقىسىدا، ئارقا - ئارقىدىن يەرلىرىدىن مەھرۇم بولۇپ، بېقىندى دېھقانلارغا ئايلىنىپ قالغان. فېئوداللىشىشنىڭ تەرەققياتىغا ئەگىشىپ، يەرلىك چوڭ فېئوداللار جايلارنى بۆلۈۋېلشىپ، مۇنارخىيىلىك ھوقۇقىنى ئاجىزلىتىۋەتكەن. 751 - يىلى، كورۇل ئىشغال قىلغان ھەمدە پاپا تۇرۇشلۇق جاي - رىم شەھىرىنى تارتىۋالماقچى بولغان. 754 - ۋە 756 - يىللىرى فرانك كورۇلى يېپىن (پەتەك) پاپاغا ئىككى قېتىم ئەسكەر چىقىرىپ ياردەم بېرىپ، لومباردلارنى مەغلۇپ قىلغان. 774 - يىلى چارلېس (كېيىنكى ئېمپېراتور چارلېس) لومباردىيىنىڭ ئاخىرقى كورۇلى دېسىدېرنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ زېمىنىنى فرانك پادىشاھلىقىغا قوشۇۋالغان.