Chinese→Uyghur主要词典
伦巴德法典
دۇنيا تارىخى
لومباردىيە قانۇنى
لومباردلارنىڭ ئادەت قانۇنى توپلىمى. دەسلىپىدە مىلادى 613 - يىلى تۈزۈلگەن. كېيىن ھەرقايسى دەۋرلەردىكى كورۇللار ئېلان قىلغان ئەمر - پەرمانلار بىلەن تولۇقلانغان. Ⅵ ئەسىردىن Ⅷ ئەسىرگىچە بولغان لومباردلانىڭ تۇرمۇش ئادىتى، ئەدلىيە تۈزۈمى، دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي - ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى ۋە سىنىپىي ئەھۋالى قاتارلىقلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ مەزگىلدە لومباردلارنىڭ ئۇرۇقداشلىق قەبىلە تەشكىلاتلىرى كۈندىن - كۈنگە پارچىلىنىپ، يەرلەرنى ئېلىپ - سېتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە گۆرۈگە قويۇشقا مۇمكىن بولغاچقا، كۆپلىگەن ئۇرۇق ئەزالىرى بېقىندى دېھقانلارغا ئايلىنىپ قالغان. ئاز ساندىكى ھوقۇقدار ئاقسۆڭەكلەر كۆپلىگەن يەرلەرنى ئىگىلىۋالغان؛ قانۇن لومباردلارنىڭ فېئوداللىق مۇناسىۋىتىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.