Chinese→Uyghur主要词典
卢林堡王朝
دۇنيا تارىخى
ليۇكسېمبۇرگ خاندانلىقى
مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىدىكى فېئودال خاندانلىق (1308 - 1313، 1346 - 1400، 1410 - 1437). ليۇكسىمبۇرگ گرافى ھېنرى (ھېنرى Ⅶ) قۇرغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1310 - يىلى ھېنرى Ⅶ نىڭ ئوغلى جون (ليۇكسىمبۇرگلىق) چېخ كورۇلىنىڭ ۋارىسىغا ئۆيلەنگەنلىكتىن، ليۇكسىمبۇرگ خاندانلىقى چېخ كورۇللۇقىنىمۇ (1310 - 1437) قوشۇمچە ئۆتىگەن. چارلېس Ⅳ تەختتىكى ۋاقتىدا ئوبېرپفاتىس (بالادىن) رايونىنىڭ بىر قىسمىنى، نىدېلاۋزىتىس ۋە براندېنبۇرگلارنى قوشۇۋالغان. خان جەمەتىگە بىۋاستە قاراشلىق يەرلەر كېڭەيگەن بولسىمۇ، لېكىن پادىشاھلىق ھوقۇقى ئاجىزلاپ، كىنەزلىكىنىڭ كۈچى بارغانسېرى زورايغان. 1356 - يىلى چارلېس Ⅳ <ئالتۇن تامغىلىق يارلىق> ئېلان قىلىشقا مەجبور بولۇپ، پادىشاھنى پادىشاھ سايلاش ھوقۇقىغا ئىگە يەتتە كىنەز سايلايدىغانلىقىنى رەسمىي ئېتراپ قىلغان. سىگىسمۇند ۋېنگرىيە كورۇلى لۇئىنىڭ قىزى (تەخت ۋارىسى) غا ئۆيلەنگەندىن كېيىن، ليۇكسىمبۇرگ خاندانلىقى ۋېنگرىيە پادىشاھلىقىنىمۇ قوشۇمچە ئۆتىگەن (1387 - 1437). سىگىسمۇند تەختتىكى چاغدا پاپا بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، چېختىكى خۇسچىلىق ھەرىكىتىنى باستۇرغان.