Chinese→Uyghur主要词典
卢林堡
دۇنيا تارىخى
ليۇكسىمبۇرگ
(1871 - 1919) گېرمانىيە سوتىسيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ۋە 2 - ئىنتېرناتسىئونال سولچىلىرىنىڭ داھىيىسى. گېرمانىيە كوممۇمىسىنىڭ پارتىيىسىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى. پولشالىق يەھۇدىي بۇرژۇئا ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ۋارشاۋادا ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان. 1893 - يىلى پولشا سوتىسيال دېموكراتلار پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1897 - يىلى گېرمانىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ھەمدە گېرمانىيە ئىشچىلار ھەرىكىتى ۋە سوتسىيالىستىك ھەرىكەتلەرگە پائال قاتناشقان. گېرمانىيە سوتىسيال دېموكراتلار پارتىيىسى ۋە 2 - ئىنتېرناتسىئونالدا بېرنىشتېيىن رېۋىزىئونىزمغا قارشى كەسكىن كۈرەش ئېلىپ بارغان. 1906 - يىلى روسىيىگە بېرىپ ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا تەييارلىق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ۋارشاۋاغا يېتىپ بارغاندا قولغا ئېلىنغان. 1907 - يىلى 2 - ئىنتېرناتسىئونال شتۇتگارت قۇرۇلتىيىدا لېنىن، بېبېل قاتارلىق سولچىلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، مىلىتارىزمغا قارشى تۇرۇش ھەم جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى قارارنى ماقۇللىغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە پارتىيە ئىچىدىكى سولچىل داھىيىلار بىلەن بىللە <سپارتاكچىلار>نى تەشكىللەپ جاھانگىرلىك ئۇرۇشىغا ۋە سوتسىيال شوۋىنىزمغا پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرغان. 1915 - يىلى مېرىڭ قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇشقا قارشى <ئىتېرناتسىئونال> ناملىق ژۇرنالنى تەسىس قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمەيلار قولغا ئېلىنغان. تۈرمىدە <يۇنئۇس> تەخەللۇسى بىلەن <سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ كرىزىسى> دېگەن مەشھۇر كىتابچىنى يېزىپ، گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ساتقىنلىق ھەرىكەتلىرىنى پاش قىلىپ، يۇنكېر - بۇرژۇئا ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا چاقىرغان. لېكىن كىتابتا ئۇششاق بۇرژۇئا تىچلىقپەرەسلىك كۆز قارىشى مەۋجۇت بولغان. 1916 - يىلى تۈرمىدىن بوشىتىلغاندىن كېيىن، جاھانگىرلىككە ۋە ئۇرۇشقا قارشى نامايىش ئۇيۇشتۇرغانلىقى ھەم ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، شۇ يىلى 7 - ئايدا يەنە قولغا ئېلىنغان. 1918 - يىلى قاماقتىن چىققاندىن كېيىنلا گېرمانىيە نويابر ئىنقىلابىغا قاتناشقان ھەمدە گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرۇش بىلەن پائال شۇغۇللانغان. 1919 - يىلى 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى كارل لېبكنېخت بىلەن بىللە ئوڭچىل سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.