Uyghur主要词典
لۇدېندورف
دۇنيا تارىخى
(1865 - 1937). گېرمانىيە گېنېرالى، مىلىتارىست. پومېشچىك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياش ۋاقتىدا قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفىتسېرلار مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ، مىلادىشىي لېيتېنانت بولغان. كېيىن قۇرۇقلۇق ئارمىيە داشۆسىگە كىرگەن. 1894 - يىلدىن باشلاپ باش شتابتا خىزمەت قىلغان. 1908 - 1912- يىللادا باش شتاب ئۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلىپىدە 2 - جىتۇەنجۈن شتاب باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. لىيېگې جېڭىدە كۆزگە كۆرۈنگەن. 1914 - يىلى 8 - ئايدا 8 - جىتۇەنجۈننىڭ شتاب باشلىقى بولغان. تاننېنبېرگ جېڭى ۋە مازۇر كۆلى جېڭىدە رۇس قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، 1914 - يىلى 11 - ئايدا شەرقىي فرونت يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقلىقىغا كۆتۈرۈلگەن. 1916 - يىلى 8 - ئايدا گېرمانىيە ئارمىيسىنىڭ باش نازارەتچىلىكىگە تەيىنلىنىپ، ئەمەلىيەتتە ھىندېنبۇرگ (باش شتاب باشلىقى) بىلەن ھەربىي ھوقۇقنى تەڭ ئىگىلەپ، ھەربىيلەرنىڭ سىياسىي كۈچىنى كۈچەيتىپ، گېرمانىيىدە <ھەربىيلەر مۇستەبىتلىكى> نى شەكىللەندۈرگەن. 1917 - يىلنىڭ بېشىدا، چەكلىمىسىز سۇ ئاستى پاراخوت ئۇرۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بېتمانن ھوللىۋېگ ھۆكۈمىتىنىڭ تەختتىن چۈشۈشىگە سەۋەبچى بولغان. 1918 - يىلى ئەتىيازدا غەربىي فرونتتا مارت ھۇجۇمىنى قوزغاپ، مەغلۇبىيەت ۋەزىيىتىنى ئوڭشاشقا ئۇرۇنغان. 1918 - يىلى كۈزدە گېرمانىيە ئارمىيىسى غەربىي فرونتتا مەغلۇپ بولغان ۋە بالقان فرونتىدا تارمار بولغاندىن كېيىن، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. گېرمانىيىدە نويابر ئىنقىلابىدىن كېيىن شۋېتسىيىگە چىقىپ كەتكەن. 1919 - يىلى ئەتىيازدا مەملىكىتىگە قايتىپ كېلىپ، سىياسىي پائالىيەت ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئوڭ قانات ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ مەركىزىي ئەربابىغا ئايلانغان. 1920 - يىلى 3 - ئايدا <كاپ توپىلىڭى> نى پىلانلاشقا قاتناشقان. 1923 - يىلى 11 - ئايدا يەنە گىتلېر قوزغىغان <پىۋىخانا توپىلىڭى> غا قاتناشقان. ئىككىنچى يىلى 5 - ئايدا، ناتسىتلار پارتىيىسىنىڭ نامزات كۆرسىتىشى بىلەن پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. 1926 - يىلى ئەكسىيەتچىل تەشكىلات - <تاننېنبېرگ ئىتتىپاقى> نى قۇرۇپ، يەھۇدىيلار ۋە كوممۇنىستلارغا ھەدەپ قارشى تۇرغان. <مېنىڭ ئۇرۇش ئەسلىمىلىرىم>، <مېنىڭ ھەربىي جەھەتتە ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىم> ۋە <ئومۇمىي ئۇرۇش> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.