Uyghur主要词典
لۇد ھەرىكىتى
دۇنيا تارىخى
ئەنگلىيەنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ستېخىيىلىك ئىشچىلار ھەرىكىتى. ئېيتىلىشىچە، نېد لۇد دېگەن ئىشچى بىرىنچى بولۇپ باشلىغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇ چاغلاردا ئىشچىلار كاپىتالىستىك ئېكسپىلاتاتسىيىنىڭ ماھىيىتىنى تېخى تونۇپ يەتمىگەچكە، ماشىنا - ستانوكلارنى كەمبەغەللىكنىڭ يىلتىزى دەپ قاراپ، ئۇلارنى بۇزۇپ - چېقىش يولى بىلەن كارخانىچىلارغا قارشى چىققان. 1811 - يىلى ئەتىيازدا نۇتتىڭا مىشىر ۋىلايىتىدىكى توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى ئالدى بىلەن ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىر ئاممىۋى تەشكىلات قۇرغان ھەمدە يېڭى كەشىپ قىلىنغان توقۇش ماشىنىلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ۋەيران قىلىشقا باشلىغان. ئۇزۇن ئۆتمەيلا لانكاشىر، يوركىشىر ۋىلايەتلىرى ۋە مانچېستىر ھەمدە شوتلاندىيىلەردىمۇ بۇ خىل ئىشلار ئارقا - ئارقىدىن يۈز بەرگەن. 1812 - يىلى پارلامېنت <ئامانلىققا كاپالەتلىك قىلىش قانۇن لايىھىسى> نى ماقۇللاپ، ئارمىيىنى ئىشقا سېلىپ باستۇرغان. 1813 - يىلدىن كېيىن بۇ ھەرىكەت پەسىيىشكە باشلىغان. 1814 - يىلى كارخانىچىلار ماشىنا - ستانوكلارنى بۇزغۇچىلارنى پايلاپ تۇتۇش جەمئىيىتى قۇرۇپ، ئىشچىلارغا دەھشەتلىك زىيانكەشلىك قىلغان. لېكىن 1816 - يىلدىن كېيىنمۇ بۇ خىل ھەرىكەت يەنىلا ئاندا - ساندا يۈز بېرىپ تۇرغان.