Uyghur主要词典
لېسسېپىس
دۇنيا تارىخى
(1805 - 1894)، فرانسىيلىك دىپلومات، ئىنژېنېر، دىپلومات ئائىلسدە تۇغۇلغان. 1825 - يىلى دىپلوماتىيە ساەسىگە كىرىپ، مۇئاۋىن كونسۇل، كونسۇل، باش كونسۇل قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1848 - 1849 - يىللاردا ئىسپانىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. 1849 - يىلى تولۇق ھوقۇقلۇق ئەلچى ئۇنۋانى بىلەن رىمغا بېرىپ، فرانسىيە ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىگە ۋاكالىتەن رىم جۇمھۇرىيىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن، سىياسىي قۇربانلىق بولغانلىقىغا غەزەپلىنىپ، دىپلوماتىيە ساھەسىدىن چېكىنىپ چىققان. 1854 - يىلى مىسىرنىڭ باش ۋالىيسى سەئىد پاشا بىلەن توختام تۈزۈپ، سۈۋەيىش قانىلىنى قېزىش ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، قانالنى 99 يىللىق ئىجارىگە ئالغان. 1858 - يىلى قانال شىركىتىنى قۇرۇپ، 1859 - يىلى قېزىشنى باشلىغان، 1869 - يىلى 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى قانالدا رەسمىي قاتناش باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ نامىنى چىقىرىپ، فرانسىيەنىڭ مىللىي قەھرىمانى دەپ ئاتالغان. 1879 - يىلى پاناما شىركىتىنىڭ باشقارما رەئىسلىكىنى ئۈسىتگە ئالغان. 1881 - يىلى ئىش باشلانغان، مەبلەغ يىتىشمىگەنلىكتىن قانالنى قېزىش 1888 - يىلى توختاپ قېلىپ، شىركەتنىڭ سۇنغانلىقىنى ئېلان قىلىشقا مەجبور بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئاتاقلىق <پاناما رەسۋاچىلىقى> مەيدانىغا چىققان. ئۇ پۇل - دۇنيانى يۇتۇۋالغان دەپ ئەيىبلىنىپ، بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، ئەمما ئالىي سوت خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان دەپ قاراپ، ھۆكۈمنى بىكار قىلغان