Uyghur主要词典
لې ساپېلىئېر قانۇنى
دۇنيا تارىخى
فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىي مەزگىلدە، ئىشچىلارنىڭ تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇشى ۋە ئىش تاشلىشىنى مەنئىي قىلىش توغرىسىدا ماقۇللانغان قانۇن. تەكلىپ بېرىپ دوكلات بەرگۈچى لې ساپېلىئېر (1794 - 1754) بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1791 - يىل 6 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئاساسىي قانۇن تۈزگۈچى پارلامېنت ماقۇللىغان. ئۇنىڭدا ئوخشاش ئىجتىمائىي ئورۇن ياكى ئوخشاش كەسىپتىكى پۇقرالارنىڭ ھەرقانداق باھانە - سەۋەب ئاستىدا كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى مەنئىي قىلىنىدىغانلىقى؛ كارخانا ئىگىلىرى، سودىگەر، ئۇستا ۋە شاگىرتلارنىڭ توپلانغان چاغدا جامائەت خادىملىرىنى سايلىشى ياكى ئورتاق مەنپەئەت ئۈچۈن قارار چىقىرىشى ۋە پروگرامما تۈزۈشىگە بولمايدىغانلىقى؛ خىزمەتتىن ئورتاق باش تارتىش مەقسەت قىلىنغان ياكى ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەرقانداق بەلگىلىمە ۋە كېلىشىملەرنىڭ ھەممىسى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ، ئەركىنلىك ۋە <كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى>غا دەخلى - تەرۇز قىلغانلىق دەپ ئېلان قىلىنىدىغانلىقى؛ بارلىق باش جىنايەتچىلەر ۋە كۈشكۈرتكۈچىلەر سوراق قىلىنىپ، ئۇلارغا 500 لېفىر پۇل جەرىمانە قويۇلۇپ، ئاكتىپ پۇقرالىق ھوقۇقى بىر يىل ئېلىپ تاشلىنىدىغنالىقى بەلگىلەنگەن. بۇ قانۇن لايىھىسىدە نامدا كارخانا خوجايىنلىرىنىڭ تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇشى ئوخشاشلا مەنئىي قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ يىغىلىشىغا يول قويۇشتەك قوشۇمچە شەرت بولغان، 1884 - يىلغا كەلگەندىلا، بۇ قانۇن لايىھىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.