Uyghur主要词典
لونگۇئېت
دۇنيا تارىخى
(1833 - 1903 - يىللار) فرانسىيەلىك سوتسىيالىست، مۇخبىر. ئىككىنچى ئىمپېرىيە مەزگىلىدە <سول قىرغاق گېزىتى> نىڭ تەھرىرى بولغان ھەمدە ھەرقايسى دېموكراتچى گېزىت - ژورناللارغا ماقالە يېزىپ تۇرغان. 1865 - 1870 - يىللاردا بېلگىيىدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. 1866 - 1872 - يىللاردا بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال باش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە بېلگىيىنىڭ ئاخبارات سېكرىتارى بولغان. 1870 - يىل 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىكى ئىنقىلابتىن كېيىن، پارىژ مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسى 248 - باتالىيوننىڭ كوماندىرى، 20 - رايون مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1871 - يىلى 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىكى قوزغىلاڭغا قاتناشقان. 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى پارىژ كوممۇنىسىنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلاپ سايلانغان. كېيىن كوممۇنانىڭ <ئاخبارات> گېزىتىنىڭ تەھرىرى، ئەمگەك ۋە ئارىۋاشلاش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئاز سانلىقلارغا مەنسۇپ بولغان. كوممۇنا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، جەنۋە ۋە لوندوندا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. سىرتتىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 1872 - يىلى ماركسىنىڭ چوڭ قىزى يېننى (1844 - 1883) بىلەن توي قىلغان. 1880 - يىلى ئومۇم كەچۈرۈم قىلىنغاندىن كېيىن دۆلىتىگە قايتىپ، دېموكراتچى گېزىت - ژۇرناللارغا داۋاملىق ماقالە يېزىپ تۇرغان. بىر مەزگىل <مۇمكىنچىلەر>گە يېقىنلاشقان. 1886 - يىلى پارىژ شەھەر مەمۇرىيىتى مەسلىھەتچىسى بولۇپ سايلانغان. 1889 - يىلى، سوتسىيالىستىك گېزىتى - <باراۋەرلىك گېزىتى> گە تەھرىر بولغان. ماركسىنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان.