Uyghur主要词典
لوندون
مەشھۇر شەھەرلەر
ئەنگلىيە پايتەختى لوندون ھەم قەدىمىي، ھەم زامانىۋى شەھەردۇر. ئۇ داڭلىق تارىخىي مەدەنىي شەھەر ۋە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە شەھىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى »تۇمان شەھىرى« بولۇشى بىلەن دۇنياغا داڭلىق.
لوندوننى ئومۇمەن لوندون شەھىرى ۋە ئىچكى - تاشقى لوندون دەپ ئۈچ بۆلەككە بۆلۈشكە بولىدۇ. ئۇ ئادەتتە32 شەھەر (لوندون شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىن تەركىب تاپقان. بۇ ئۈچ بۆلەك قوشۇلۇپ چوڭ لوندون دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى1605 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆلىمى ئارانلا6 .1 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان لوندون شەھىرى11 - ئەسىردىن16 - ئەسىرگىچە پادىشاھ ئوردىسى تۇرۇشلۇق جاي ئىدى، ھازىر بانكا، سۇغۇرتا شىركىتى، پاي چېكى تىجارىتى ۋە ئاكسىيە بىرژىسى مەركەزلەشكەن جاي بولۇپ قالدى. غەربىي رايونىدىكى بەيتىڭ كوچىسى ئەتراپى ئەنگلىيە باش ۋەزىر سارىيى، ئىچكى كابىنېت ۋە ھەرقايسى مىنىستىر، شۇنداقلا ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابېت Ⅱ نىڭ قەسرى بۇككىنخام ئوردىسى تۇرۇشلۇق ئورۇن. چۈنكى بۇ يەرگە ئاساسەن باي - مۆتىۋەرلەر توپلاشقان بولغاچقا، بازار ۋە كوچىلىرى ئىنتايىن ئاۋات.
لوندوندا لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى، لوندون مۇزېيى، لوندون مۇنارى، لوندون كۆۋرۈكى، سېينت پائۇل كاتېدرالى، نيوتون، دارۋىن، ماركس، شياۋباڭ قاتارلىق داڭلىق شەخسلەرنىڭ كونا تۇرالغۇلىرى ۋە مازارلىرى، گرېنۋىچ رەسەتخانىسى، ھايدى باغچىسىدىكى ئۈستى ئوچۇق مۇنبەر قاتارلىق كىشىلەرنى تەلپۈندۈرىدىغان نۇرغۇن جايلار بار، بۇلار لوندوننى مەدەنىيەت - سەنئەت جەھەتتە ناھايىتى يۇقىرى ئىززەت - ئابرۇيغا ئىگە قىلغان. ئاسمان - پەلەك ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بىنالار بىلەن ئوتتۇرا ئەسىر ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت گۈللەنگەن دەۋردىكى ئېگىز - پەس جايلاشقان ساراي، چېركاۋلار، چوڭ - كىچىك باغچىلاردىكى يېشىللىقلار بىلەن گۈزەل، رەڭگا رەڭ شەھەر كوچىلىرى گىرەلىشىپ، لوندوننىڭ تىپىك ياۋروپا شەھىرى مەنزىرىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرگەن.
لوندون يەنە دۇنياغا مەشھۇر «تۇمان شەھىرى»، بۇ يەردە بەش كۈننىڭ بىر كۈنى تۇمانلىق بولىدۇ. بۇ يەردىكى تۇمان ئاسانلىقچە تارقاپ كەتمەي بىرقانچە كۈنگىچە داۋاملىشىدۇ، ئاسماننىڭ ھەممىلا يېرىنى ئاپئاق ئۇششاق سۇ تامچىلىرى قاپلاپ تۇرىدۇ. تېمزا دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى پەقەت بەزى مۇئەللەق راۋاقلاردىن سىرت، ئۇچلۇق ئۆگزىلىك چىركاۋ ۋە ئېگىز ئىمارەتلەر تۇمان بىلەن قاپلىنىپ كۆرۈنمەي قالىدۇ. تۇمان شەھەر ئاھالىلىرىگە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىكلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.1952 - يىل12 - ئاينىڭ5 - كۈنى پەيدا بولغان بىر قېتىملىق چوڭ تۇمان4 كۈندىن ئارتۇق داۋاملاشقان، بۇنىڭ بىلەن ئۆيلەرنىڭ تۇرخۇنىدىن چىققان ئىسلار ئۇزاققىچە تارقاپ كېتەلمەي، پۈتۈن شەھەرنى قاپلىۋالغان، نەتىجىدە، كۈندۈزنى خۇددى كېچىدەك قاراڭغۇلۇق بېسىپ شەھەر قاتنىشى توختاپ كەتكەن، كىشىلەرنىڭ يۈرىكى سىقىلىپ، نەپىسى قىيىنلاشقان. بەيتىڭ كوچىسىدىكى مەرمەر تاشتىن ياسالغان قۇرۇلۇشلار بۇزۇلۇپ كەتكەن.
لوندوندىكى تۇماننىڭ پەيدا بولۇشى شۇ يەرنىڭ جۇغراپىيىلىك مۇھىتى ۋە ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەنگلىيە ئاتلانتىك ئوكياندىكى بىر ئارال دۆلەت، لوندون بولسا ئەنگلىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى بىر ئويمانلىققا جايلاشقان. ئويمانلىقنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا ئايرىم - ئايرىم شەرق - غەرب يۆنىلىشىدە سوزۇلغان تۇتاش تاغ تىزمىسى بار، تېمزا دەرياسى غەربتىن شەرققە قاراپ شەھەر رايونىنى كېسىپ ئۆتۈپ شىمالىي دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ، شەھەر رايونى بىلەن دەريانىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىغىچە بولغان ئارىلىق ئاران88 كىلومېتىرلا كېلىدۇ. غەرب شامىلى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئىللىق ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، لوندوننىڭ ئىقلىمى ئىللىق ھەم نەم بولۇپ، مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ دېڭىز - ئوكيان خاراكتېرلىك ئىقلىمىغا تەۋە. كۈز ۋە قىش پەسلى غەرب شامىلى ئاتلانتىك ئوكياننىڭ سۇ ھورىنى قۇرۇقلۇققا ئېلىپ كەلگەندە مەزكۇر يەرنىڭ كۈندۈز ۋە كېچىلىك ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ پەرقى چوڭىيىپ، ئويمانلىقتىكى ھاۋا نىسپىي ھالدا مۇقىملىشىدۇ، ھاۋا ئېقىمى ھاسىل بولمايدۇ، تۆۋەن قاتلامدىكى ھاۋا سوۋۇغاندىن كېيىن ئاسماننى تۇمان قاپلايدۇ ھەمدە ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئاسانلىقچە تارقاپ كەتمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە لوندوننىڭ سانائەت ۋە قاتناش ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلغان بولغاچقا، زاۋۇت، كان - كارخانا ۋە ئاپتوموبىللاردىن چىققان ئىس - تۈتەك ۋە چاڭ - توزانلار ھاۋا بوشلۇقىغا كۆتۈرۈلۈپ تۇماننىڭ قېتىشىش يادروسىغا ئايلىنىدۇ، شۇڭا بۇمۇ تۇماننىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى سەۋەبلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.20
- ئەسىرنىڭ80 - يىللىرىدىن بۇيان ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مۇھىت ئاسراش سالمىقىنى كۈچەيتتى، بۇنىڭ بىلەن لوندون ئاسمىنىنىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىسى بۇرۇنقىغا قارىغاندا ياخشىلاندى. قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يورۇتۇش ۋاقتىمۇ زور دەرىجىدە ئاشتى. كۆپ يىللاردىن بېرى يوقاپ كەتكەن كىچىك قۇشلارمۇ لوندون ئاسمىنىدا قايتىدىن پەرۋاز قىلىشقا باشلىدى.
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئەنگلىيىنىڭ پايتەختى، ئەڭ چوڭ شەھىرى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، دۆلەت بويىچە بىرىنچى چوڭ پورت. دۇنيا بويىچە ئاتاقلىق چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى. لوندون تېمىزا دەرسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنىڭ ئىككى ياقىسىغا، دېڭىزدىن 88 كىلومېتىر ئىچكى قۇرۇقلۇقتا ئورۇن ئالغان. تېمىزا دەرياسىنى بويلاپ شەھەر ئىچىگە ئوكيان پاراخوتلىرى كىرەلەيدۇ، دەريانىڭ 50 كىلومېتىر لىنىيىسىدە پاراخوت توختاش ئورۇنلىرى بار، <چوڭ لوندون> شەھەر ئىچى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى 32 شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاھالىسى 10 مىليون 200 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئومۇمىي يەر مەيدانى 1605 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. شەھەر ئىچى ئاھالىسى 6 مىليون 765 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984). لوندون مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 43 - يىلى قۇرۇلغان. 16 - ئەسىرگە كەلگەندە دېڭىز سودىسى تەرەققىي قىلغان، 18 - ئەسىردە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ پورت بولۇپ شەكىللەنگەن. 19 - ئەسىردە ئەنگلىيىنىڭ مۇھىم سودا، پۇل مۇئامىلە مەركىزىگە ئايلانغان. ھازىرقى لوندون شەھىرى ئەنگلىيىنىڭ سودا - سانائەت، پۇل مۇئامىلە، قاتناش - ترانسىپورت جەھەتلەردە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ھازىر ئەنگلىيىنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ 1/4 قىسمى (50 مىليون توننا) لوندون پورتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، ئۇ جايدا دۇنيا بويىچە ئاتاقلىق ئالتۇن سودا بازىرى، ئەڭ چوڭ بىانكىلار، ستراخوۋنىيە شىركەتلىرى بار. لوندون شەھىرى ئىككى چوڭ قىسمىغا بۆلۈنىدۇ. شەھەرنىڭ غەربىي قىسمىغا خان سارايلىرى، پارلامېت بىناسى، تىياتىرخانىلار، يۇقىرى دەرىجىلىك ئولتۇراق جايلار، نۇرغۇن گېزىتخانىلارنىڭ باش تەھرىر بۆلۈملىرى قاتارلىق ئورۇنلار جايلاشقان؛ شەرقىي قىسمىدا پورت، سانائەت ررايونى ۋە ئىشچىلار ئولتۇراق جايلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان. لوندوننىڭ سانائىتى ئۈچ خىلغا ئايرىلىدۇ، بىرى ىستېمال بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلغان شەھەر ئىچى سانائەت تارماقلىرى، بۇ نەشرىياتچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئۆي جاھازىلىرىنى ياساش، يېمەك - ئىچمەك ۋە باشقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنە بىرى پورت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان سانائەت تارماقلىرى، بۇ سىرتتىن ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۇن زاۋۇتى، شېكەر زاۋۇتى، تاماكا زاۋۇتى، قەغەز زاۋۇتى، نېفىت ئايرىش سانائىتى بىلەن رەڭلىك مېتالچىلىق، خىمىيە، كېمىسازلىق قاتارلىق سانائەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئۈچىنچىسى، يېڭى سانائەت تارماقلىرى، بۇ نازۇك ماشىنىلارنى ئىشلەپچىقىرىش، دوختۇرلۇق ئەسۋابلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشى، ئېلېكتر ئەسۋابلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ھەرخىل ئەسۋاب - ئۈسكۈنە، ئايروپىلان، ئاپتوموبىل قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ خىل سنائەتلەرنىڭ كۆپى شەھەر ئەتراپىدىكى كىچىك شەھەرچىلەرگە مەركەزلەشكەن. لوندون ئەنگلىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئومۇملاشقان سانائەت مەركىزى. ئۇنىڭ سانائىتى ئەنگلىيىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، لوندون ئەنگلىيىنىڭ ئەڭ چوڭ مەدەنىيەت مەركىزى، ئۇ جفيدا پادىشاھ ئىلمىي جەمئىيىتى، لوندون داشۆسى قاتارلىق نۇرغۇن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، بىرىتان مۇزېيى، يەتتە مىليون كىتابى بار بىرىتان كۇتۇپىانىسى قاتارلىق مەدەنىيەت ئورۇنلىرى بار. لوندون مۇھىم تارىخىي شەھەر. بىرىنچى ئىنتىرناتسىئونال 1864 - يىلى شۇ جايدا قۇرۇلغان، پرولېتارىياتنىڭ ئۇلۇغ ئۇستازلىرى ماركس، ئېنگېلس ۋە لېنىنلار مۇشۇ جايدا ئىشچىلار ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. ماركسنىڭ قەبرىسىمۇ لوندونغا قويۇلغان. بۇنىڭدىن باشقا مەشھۇر قەدىمىي قۇرۇلۇشلار 110 مېتىر ئېگىزلىكتىكى سان پاۋلو چېركاۋسى، گېرىنىۋىچ رەسەتخانىسى، 40 مىڭ خىل ئۆسۈملۈكى بار ئاتاقلىق پادىشاھ ئۆسۈملۈك باغچىسى بار. لوندون ئەنگلىيىنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، بۇ جايدىن دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان بىر قانچە تارماق تۆمۈر يول، تاشيوللار، ھەرقايسى دەريالارنى تۇتاشتۇرىدىغان قاناللار بار. دۇنيا بويىچە بىرىنچى قېتىم 1863 - يىلى لوندون شەھىرىد يەر ئاستى تۆمۈر يولى سېلىنغان. ھازىر بۇ جايدىكى يەر ئاستى تۆمۈر يوللىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 385.9 كىلومېتىر بولۇپ، كۈنىگە بىر مىليون 742 مىڭ ئادەم قېتىم كىشى يۆتكىلىدۇ. لوندون دۇنيادىكى مۇھىم ئاۋىئاتسىيە تۈگۈنى، بۇ جايدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىگە بارىدىغان نۇرغۇن تارماق ئاۋىئاتسىيە لىنىيىلىرى بار.