—参考资料
لېنىۋېتىس
ھايۋاناتلار دۇنياسى
جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ تروپىك بەلۋاغ ئورمانلىرىدا ھۇرۇنلۇقتا نامى چىققان بىر خىل دەرەخ سۈت ئەمگۈچى ھايۋىنى − لېنىۋېتىس ياشايدۇ. ئۇ ھەممە ۋاقىت ئۆزىنى دەرەخ شېخىغا تەتۈر (ئوڭدىسىغا) ساڭگىلىتىۋالىدۇ، مەيلى ئۇخلاش، دەم ئېلىش، ئوزۇقلۇق يېيىش ياكى بالا تۇغۇش بولسۇن ھەممىسىدە شۇنداق، ھەتتا ئۆلۈپ قالسىمۇ دەرەختە ساڭگىلاپ تۇرىدۇ.
لېنىۋېتىس دەرەخنى ماكان تۇتىدۇ، كۈن بويى ئېزىلەڭگۈلۈك قىلىپ، ئىنتايىن كۆپ ئۇخلايدۇ. كۈندۈزى قويۇق ئۆسكەن ئىنچىكە دەرەخ شاخلىرىنى تاللاپ شۇ يەردە ئۇخلايدۇ، بىر كېچە - كۈندۈزدە15 سائەت ئۇخلايدۇ. ئادەتتە ھەرىكىتى ناھايىتى ئاستا، لايغەزەل، جانسىز، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئاستا ماڭىدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋان بولۇپ، ھەربىر قەدەم بېسىش ئۈچۈن12 سېكۇنت ۋاقىت كېتىدۇ. يەر بېغىرلاپ ماڭىدىغان تاشپاقىدىنمۇ ئاستا ماڭىدۇ. ئۇنى گۆشخور ھايۋانلار يېمەكچى بولغاندا تۈگۈلۈۋېلىشقا رازىكى، ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلاي دېمەيدۇ.
لېنىۋېتىس ئادەتتە دەرەختىن كەمدىن - كەم چۈشىدۇ، پەقەت تەرەت قىلىشتىلا يەرگە چۈشىدۇ، ئەمما قېتىم سانى ناھايىتى ئاز بولۇپ، ھەر ئايدا ئاران بىر - ئىككى قېتىم چۈشىدۇ.
لېنىۋېتىس سۇ ئۈزۈشكە ماھىر، جىرا سۇلىرى ياكى قاناللاردىن چەبدەسلىك بىلەن ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ.
لېنىۋېتىس دائىم كېچىسى ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ، ئوزۇقلۇقى ئاددىي بولۇپ، مەخسۇس دەرەخ يوپۇرمىقىنى ۋە يۇمران شاخلارنى يەيدۇ، شۇڭا تارقىلىش دائىرىسى تار، پەقەت ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يىل بويى ئاساسەن دېگۈدەك بىر خىل تۇرىدىغان تروپىك بەلۋاغ ئورمانلىرىدىلا ياشىيالايدۇ. شۇنداقتىمۇ لېنىۋېتىسنىڭ مۇھىتقا نىسبەتەن بەلگىلىك بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى بار. ئەگەر يېمەكلىك بولمىسا، ئاچلىققا بىر ئاي بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، ئۇنىڭ يېمەكلىكتىكى ئېنېرگىيىنى ئۆزگەرتىش ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ.
ئۇزاق ۋاقىت دەرەختە ياشىغانلىقتىن لېنىۋېتىسنىڭ بەدەن تۈزۈلۈشىدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. بوينى ئالاھىدە ئۇزۇن بولۇپ، توققۇز دانە بويۇن ئومۇرتقا سۆڭىكى بار، ئادەتتىكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭكىگە قارىغاندا ئىككى دانىسى ئارتۇق، بۇنىڭ بىلەن ئۇ تېنىنى قوزغاتماي تۇرۇپمۇ بېشىنى جانلىق ھەرىكەتلەندۈرەلەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا لېنىۋېتىسنىڭ تېنىدىكى تۈكلىرى دۈمبىسىگە قاراپ تەتۈر ئۆسكەن، تۈكلىرى يېشىل رەڭلىك لىشاينىك، يۈسۈنلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ ياشاپ تەبىئىي قوغدىنىش رەڭگىنى شەكىللەندۈرىدۇ.