Uyghur主要词典
ليۇ پىنيى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1895 - 1990)جۇڭگودىكى مۇددەرىس، خېبېي ساڭجۇلىق، خۇيزۇ، دىنىي ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. بالىلىق دەۋرىدە ساڭجۇدىكى بېيداسى مەسچىتىدە ئەرەبچە، پارسچە ئۆگەندى، دىن ئوقۇدى. 1914 - يىلى بېيجىڭدا بىلىم ئاشۇردى. 1916 - يىلى بېيجىڭنىڭ چاڭپىڭ ناھىيىسىدە مەدرىسىنى پۈتتۈرۈپ، خېبېيدىكى پىڭچۈەن، بەيتۇجىن، ساڭجۇ ۋە شەندۇڭدىكى جىنەن قاتارلىق جايلارنىڭ مەسچىتلىرىدە ئىمام بولدى ھەم ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. 1935 - يىلىدىن 1940 - يىلىغىچە ساڭجۇدا قىزلارنى ئەرەبچە ئوقۇتىدىغان مەكتەپ ئېچىپ، مۇسۇلمان قىزلىرىغا دىنىي ئەقىدىدىن دەرس ئۆتتى. ئەرەب تىلىنى، پارس تىلىنى، ئىسلام دىنىنى، شەرىئەتنى ۋە خەتتاتلىقنى خېلى پۇختا ئىگىلىدى. ئازادلىقتىن كېيىن، ساڭجۇدىكى بېيداسى مەسچتىگە ئىمام بولدى. 1950 - يىلىدىن كېيىن، خېبېي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەيئىتى، ئۆلكىلىك مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى 4 -، 5 -، 6 - نۆۋەتلىك جۇڭگو سىياسىي مەسىلىھەت كېڭىشىنىڭ ھەيئىتى بولدى.