Uyghur主要词典
ليۇجى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(تەخمىنەن 1660 - 1730)چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدىكى ئىسلام ئۆلىماسى. جياڭسۇدىكى شاڭيۈەن (ھازىرقى نەنجىڭ) لىك خۇيزۇ. مەشھۇر ئۆلىما ليۇ خەنيىڭنىڭ ئوغلى. كىچىكىدە <قۇرئان كەرىم> نى ئوقۇغان. 15 يېشىدا كۇڭزىچىلارنىڭ تارىخىي كىتابلىرىنى، بۇددا دىنى، داجاۋ دىنى قاتارلىقلارغا دائىر كىتابلارنى ئوقۇپ، ئۇلاردىن تولۇق خەۋەر تاپتى. كېيىن ئەرەپچە، پارسچە ئۆگىنىپ، ئىسلام ئەقىدىسىگە ئىچكىرىلەپ كىردى. جايلرغا بېرىپ بىلىم تەھسىل قىلىپ، ئىسلام دىنىغا دائىر كىتابلارنى يىغدى. قېرىغاندا جىنلىڭغا قايتىپ كېلىپ، 10 نەچچە يىل باش كۆتۈرمەي تەرجىمە قىلدى. ئۆزى نەچچە يۈز جىلد كىتاب تەرجىمە قىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ. لېكىن، كىشىلەرنىڭ قولىدا بارلىرى 50 دىن ئاشمايدۇ. ئۇ ئاساسلىقى <ئەل ئۇسۇل فىتتەسەۋۋۇفىل ئىسلام>، <ئىسلام دىنى تەلىماتلىرى>، <سىيرەتۇخاتىمىل ئەنبىيا>، <ئەرەب ھەرپلىرى توغرىسىدا چۈشەنچە>، <بەش پەرز تەئرىفلىرى>، <قاش قارايغاندىن تاڭ ئاتقىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئاي>، <ئەل لەمئان>، <ئىسلام دەستۇرى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلدى. ئەسەرلەر ئەينەن تەرجىمە قىلىنغانلىقى ياكى ئەسەرلەرنى تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن كۆپلەپ نەقىل كەلتۈرگەنلىكى ھەمدە بۇ ئەسەرلەرنى جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، جەھرىيە، قادىرىيە ۋە شىداۋ تاڭنىڭ ھۆرمىتىگە ئىگە بولدى.