Chinese→Uyghur主要词典
乐学轨范
دۇنيا تارىخى
مۇزىكشۇناسلىق قائىدىلىرى
چاۋشيەننىڭ لى سۇلالىسى دەۋرىدىكى مۇزىكىشۇناسلىققا دائىر ئەسەر. 1493-يىلى (چىڭزوڭنىڭ 24-يىلى) خاننىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن، قائىدە - يۇسۇن، نەغمە - ناۋا مەھكىمىسىدىكى چېڭ چيەن (لەقىمى يۇڭ جەي) نىڭ رىياسەتچىلىكىدە مۇزىكا ئىشلىرى مەھكىمىسىدە ساقلانغان مۇراسىم قائىدلىرى ۋە مۇزىكا نوتىلىرى تەرتىپكە سېلىنىپ، جەمئىي 9 جىلد كىتاب قىلىنىپ نەشر قىلىنغان. بۇ ئەسەر نەغمە ناۋا قىسمى، ئىشلىتىش قىسمى ۋە چالغۇ ئەسۋاب، كىيىم - كېچەكلەر قىسمى دەپ ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن. ھەربىر بۆلۈم يەنە يۇرت مۇزىكىرى، تاڭ مۇزىكىلىرى، ئېسىل مۇزىكىلار، ئادەتتىكى مۇزىكىلاr دېگەن بابلارغا ئاجرىتىلغان ھەم قىستۇرما رەسىملەر بىلەن تەپسىلىي چۈدەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئوردا مۇزىكىرلىرنىڭ مۇجەسسەملەشتۈرۈلۈىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەسەرنىڭ 5-جىلدىدىكى سەھرا مۇزىكىلىر چاۋشيەننىڭ كورىيە خانلىقى دەۋرىدىكى خەلق ناخشا - قوشاقلىرىنى چۈشىنىشتە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھازىر ساقلىنىۋاتقىنى 1610-يىلى (گۇاڭخەيجۇننىڭ 2-يىلى) لى يەنگۇي قاتارلىقلارنىڭ قايتا سېلىشتۇرۇپ نەشر قىلغىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.