Chinese→Uyghur主要词典
乐市.乐座
دۇنيا تارىخى
راكۇئىچى. راكوزا
ياپونىيىدىكى يېغىلىقلار دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ ئازۇچى - موموياما دەۋرلىرىدە يولغا قويۇلغان سدا سىياسىتى. يېڭىدىن روناق تېپىشقا باشلىغان يېغىلىق دۆلەتلىرىنىڭ كاتتىباشلىرى ئۆزلىرىنىڭ سۇيۇرغاللىق ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە سۇيۇرغاللىق ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۇششاق زېمىندا (قورۇقچى) لارنىڭ ياكى ئىمتىيازلىق ئاپپاراتلارنىڭ سودا بازارلىرىغان تىزلگىنلەش ھوقۇقلىرىنى بىكار قىلغان، خام ئەشيا سېتىۋېلىشنى ۋە تاۋار سودىسىنى مونوپول قىلىۋالغان ئەسلىدىكى كەسىپداشلار ئۇيۇشمىلىرىنى تارقىتىۋەتكەن. بازار بېجى ياكى سودا بېجىنى ئېلىپ تاشلىغان. سودىگەرلەرنىڭ ئەركىن تىجارىتىگە يول قويغان. <راكۇ> (乐) سۆزى <كۆڭۈلدىكىدەك> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. راكۇئىچى سىياسىتى 1549-يىلى ئومى (ھازىرقى شىگاكېن) لىق ساساكى يوشىكاتانىڭ ئىشىجىدا ئاچقان يېڭى بازار تەدبىرىدىن باشلانغان. راكۇزا سىياسىتى بولسا شىتېئا تاكاتىسۇ ئىيېنىڭ 1576-يىلى ئېچىزېن (ھازىرقى فۇكۇئى - كېن) دا يولغا قويغان چارىسىدىن باشلانغان. ئودا نوبۇناگا 1577-يىلى ئازۇچى شەھىرىدە راكۇئىچى - راكۇزا يارلىقىنى جاكارلىغان. تويۇتومى ھىدېيۇشى بولسا بۇ يارلىقنى تېخىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرگەن. شۇنداق قىلىپ سودا ئىشى قورۇقچىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلدۇرۇلۇپ، ئىجتىمائىي ئىگىلىكنىڭ راۋاجلىنىشى ئىگىرىلىتىلگەن.