Uyghur主要词典
لاپ
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
پو، يوغان گەپ.
لاپ ئۇرماق.* لاپخور.* ئۇستۇرا كاپ بىلەن، خوتۇن كىشى لاپ بىلەن (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
تەقلىد سۆز (لاپ قىلىپ، لاپپىدە).
چىراغ لاپ قىلىپ ياندى. * لاپ قىلىپ يانغان لىپ قىلىپ ئۆچەر ( ماقال).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چوڭ گەپ، قۇرۇق كۆپتۈمە.
قۇرۇق پوغا قەرز ئۈزۈلمەس. ئۇستىرا كاپ بىلەن، خوتۇن كىشى لاپ بىلەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، ئارتۇقچە مۇبالىغە قىلىنغان، قۇرۇق، يالغان گەپ؛ پو.
يوق دېمەڭ تۇرمۇشتا مۇنداق پور تېزەكتەك كاتتىنى، كەسپى شۇ بىلمەيدۇ ھەرگىز لاپ ئۇرۇشتىن باشقىنى.
يىگىتلىك چاغلىرىمدا ئاشۇنداق بىر قىزنى كۆرگىنىمدە <خىيالىمغا ھېچقانداق پىكىر كەلمەيتتى> دېسەم لاپ گەپ بولۇپ قالار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
ئومۇمەن كۆز نۇرى ۋە باشقا نۇرلارنىڭ بىرەر نەرسە ئۈستىدە دەرھال پەيدا بولۇش ياكى يوقىلىش ۋە ياكى دەرھال باشقا ياققا كۆچۈش ھالىتى.
قاۋۇل <لاپ> قىلىپ ئۆچكەن ئوت يورۇقىدا ئۇلارنىڭ كۆرۈنۈشىنى چالا - بولا كۆزەتتى - دە، كۆڭلى ئەنسىزلەندى.