Uyghur主要词典
لابرىئولا
دۇنيا تارىخى
(1843 - 1904) ئىتالىيىلىك ماركسزم نەزەرىيىسىچى. ياشلىق دەۋرىدە گېگېل تەلىماتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 1871 - يىلىدىن باشلاپ نېئاپول ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ تارىخ پەلسەپە دوتسېنتى بولغان. 1874 - يىلىدىن باشلاپ رىم ئۇنىۋېرسىتىتى ئەمەلىي پەلسەپە ۋە پېداگوگىكا پروفېسسورى بولغان. 90 - يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ماركسىزمغا ئىشەنگەن ھەمدە خەلقئارا ئىشچىلار ھەرىكىتىگە پائال قاتنىشپ، ئېنگلېس بىلەن پات - پات خەت - چەك ئالماشتۇرغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا سىياسىي پائالىيەتتىن ۋاز كەچكەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <ماتېرىيالىزملىق تارىخ قاراش ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە> قاتارلىقلار بار.