Uyghur主要词典
لانگېرگانس ئارالچىلىرى
بىئولوگىيە
<ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىلىرى>، <ئۇيقۇ بېزى ئارالچىلىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پانكرېئاس (ئاشقازان ئاستى بېزى) بولسا، مۇھىم بىر ھەزىم قىلىش بېزى بولۇپ، بىر خىل تاشقى ئاجراتما بېزى ھېسابلىنىدۇ. لېكىن شۇنداقلا يەنە بىر خىل ئىچكى ئاجراتما بېزى بولۇپمۇ ھېسابلىنىپ چوڭلۇقى ئوخشىمىغان ھۈجەيرە كولونىيىلىرى شەكلىدە پانكرېئاس (ئاشقازان ئاستى بېزى) توقۇلمىسىغا تارقىلىپ، جايلاشقان بولۇپ، <لانگېرگانس ئارالچىلىرى> دەپ ئاتالغان. يېتىلگەن ئادەمنىڭ لانگېرگانس ئارالچىلىرى تەخمىنەن بىر مىليون 700 مىڭ دانە بولىدۇ. لانگېرگانس ھۈجەيرىلىرى جەمئىي ئىككى خىل بولۇپ، بىر خىلى α ھۈجەيرە دەپ ئاتىلىپ سانى ئازراق، پانكرېئاس (لانگېرگانس) گلۇكاگونىنى ھاسىل قىلىپ قان قەنتىنىڭ كونسېنتراتسىيىسىنى ئۆرلىتەلەيدۇ؛ يەنە بىر خىلى β ھۈجەيرە دېيىلىدۇ. سانى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بارلىق لانگېرگانس ھۈجەيرىلىرىنڭ تەخمىنەن 80 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ئىنسۇلىن ھاسىل قىلىپ قاندىكى گلۇكوزىنى گىلىكوگېنغا ئايلاندۇرۇپ جىگەر ۋە مۇسكۇلدىكى گىلىكوگېننىڭ زاپاس مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ، ئىنسۇلىن ئاجرالمىسى يېتەرلىك بولمىسا قان قەنتى ئۆرلەپ كېتىدۇ ھەم سۈيدۈك بىلەن چىقىرىۋېتىلىپ <دىئابېت> (شېكەر سىيىش) كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.