Uyghur←Chinese主要词典
لامارمورا
دۇنيا تارىخى
拉.马莫拉
lā .mǎ mò lā
(1804 - 1878) ئىتالىيە گېنېرالى، ساردىنىيە پادىشاھلىقىنىڭ باش ۋەزىرى (1859 - 1860، 1864 - 1866). تۇرىندا تۇغۇلغان. 1848 - 1849 - ۋە 1855 - يىلى ساردىنىيە پادىشاھلىقىنىڭ ھەربىي ئىشلار ۋەزىرى بولغان، 1848 - 1849 - يىللىرىدىكى ئاۋستىرىيىگە قارشى مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1855 - يىلى قىرىم ئۇرۇشىدا ساردىنىيە ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ روسىيە ئارمىيىسىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان. 1856 - 1859 - يىللىرى يەنە ھەربىي ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1859 - يىلى ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە ساردىنىيە پادىشاھلىق ئارميىسىگە باش شتاب باشلىقى بولغان. ئىككىنچى قېتىم باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە، پرۇسسىيە بىلەن ئاۋستىرىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش كېلىشىمىنى ھاسىل قىلغان. 1866 - يىلى 7- ئايدا پرۇسسىيە - ئاۋسترىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندا باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، باش شتاب باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلغان. كوستوسسادا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئەيىبىنى بوينىغا ئېلىپ ۋەزىپىسىدىن بوشانغان.