Uyghur←Chinese主要词典
لامارك تەلىماتى
بىئولوگىيە
拉马克学说
lāmǎkèxuéshuō
لامارك ئوتتۇرىغا قويغان جانلىقلارنىڭ ئېۋولۇتسىيە تەلىماتى. بۇنىڭدا يېڭى مۇھىتنىڭ بىۋاستە تەسىرىدە جانلىقلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ئۆزگىرىدۇ، دائىم ئىشلىتىلىدىغان بەزى ئورگانلىرى تەرەققىي قىلىپ كۈچىيىپ، دائىم ئىشلىتىلمەيدىغان ئورگانلىرى تەدرىجىي ھالدا رۇدىمېنتلىشىدۇ بۇنداق ئېرىشىلگەن ئالامەتلەر كېيىن ئېرىشىلگەن ئالامەت بولۇپ، ئېرسىيەتلىك ھالدا ئەۋلادىغا ئۆتىدۇ ھەمدە ئەۋلادىدا داۋاملىق كۈچىيىپ بارىدۇ - دە، جانلىق تەدرىجىي ھالدا ئۆزگىرىپ يېڭى تۈرگە ئايلىنىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. يەنە لايىقلىشىش جانلىقلار ئېۋولۇتسىيىسىنىڭ مۇھىم جەريانى دەپ قارىلىدۇ. بۇ تەلىماتنى ئىككى قانۇنىيەتكە خۇلاسىلەش مۇمكىن: ئىشلىتىلگەن ئورگانلار تەرەققىي قىلىپ، ئىشىلىتىلمىگەنلىرى رۇدىمېنتلىشىدۇ، كېيىن ئېرىشىلگەن ئالامەتلەر ئىرسىيەت بولىدۇ. لامارك تەلىماتى ئېۋولۇتسىيە تارىخىدا زور تەسىر قوزغىغان، لېكىن مۇھاكىمىلىرى كۆپىنچە تەسەۋۋۇر خاراكتېرلىك بولۇپ، ئىلمىي يوسۇندا ئىسپاتلاش كەمچىل بولغانلىقتىن، ئاستا - ئاستا كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قالغان.
ئۇنىۋېرسال
拉马克学说
lā mǎ kè xué shuō