Uyghur主要词典
لايدىن ياسىغان خام كوزا سۇغا چۈشسە ساق چىقماس
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، ھىيلە - مىكىر، ساختىلىق بىلەن قىلىنغان ئىش ھەقىقەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلمەيدۇ، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ: زەرگەرنىڭ كۆكىسى بېسىلماي ھېلىقى جۇۋانغا قاراپ: - جېنىم، «لايدىن ياسىغان خام كوزا سۇغا چۈشسە ساق چىقماس» دەيدىغان گەپ بار. ناباب مال بىلەن قىز تەرەپنى ئالدىسىلا نائىنساپلىق ئەمەسمۇ؟ - دېدى.