Uyghur←Chinese主要词典
لافارىنا
دۇنيا تارىخى
拉.法里纳
lā .fǎ lǐ nà
(1815 - 1863) ئىتالىيەلىك سىياسىي ئەربارب. 1837 - يىلى ناپلېسدا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئۇيۇشتۇرغان قوزغىلاڭغا قاتناشقان. 1847 - يىلدىن باشلاپ فلورېنسىيىدە <ئېلبا> گېزىتىنى نەشىر قىلغان. 1848 - 1849 - يىللىرىدىكى ئىتالىيە ئىنقىلابىي مەزگىلدە دېموكراتىك ئىدىيىنى تەشۋىق قىلغان. سىتسىلىيە قوزغىلىڭىغا پائال قاتنىشىپ، ئىنقىلابىي ھۆكۈمەتنىڭ مىنسىتىرى بولغان. ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن ھەمدە جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن. 1857 - يىلى مانىن قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىللە <ئىتالىيە مىللىي جەمئىيىتى>نى قۇرۇپ، ساردىنىيە پادىشاھىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىتالىيىنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە بىرلككە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان، كېيىن بۇ جەمئىيەتنىڭ رەئىسى بولغان. 1859 - يىلى ساردىنىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئىچكى كابېنېتىغا قاتناشقان ھەمدە كاۋۇرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىگە بولغان. 1860 - يىلى گارىبالدىنىڭ <قىزىل كۆڭلەكلىك ئارمىيىسى> ستسىلىيە ئارىلىدا قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن، كاۋۇرنىڭ ھاۋالە قىلىشى بىلەن بۇ ئارالنى ساردىنىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇۋېتىشكە ئۇرۇنۇپ نەتىجە چىقىرالمىغان ھەمدە سىتسىلىيە ئارىلىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. 161 - يىلى ئىتالىيە پادىشاھلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىتالىيە دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە پارلامېنت ئەزاسى بولغان.