Uyghur主要词典
لافارگ
دۇنيا تارىخى
(1842 - 1911) فرانسىيىلىك سوتسىيالىست، ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى. كۇبانىڭ سانتىياگو شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1851 - يىلى پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن فرانسىيەنىڭ بوردو شەھىرىگە كۆچۈپ كەلگەن. 1864 - يىلى پارىژ مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتىغا كىرىپ ئوقۇغان، لونگېنىڭ <سول قىرغاق گېزىتى> بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىككىنچى ئىمپرىيىگە قارشى كۈرەشكە قاتناشقان. 1866 - يىلنىڭ بېشىدا ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىگە بېرىپ داۋاملىق دوختۇرلۇقنى ئۆگەنگەن. بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال باش كومېتىتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. كۆپ ئۆتمەيۇ ئىسپانىيە بىلەن ئالاقىلىشىش سېكرىتارى بولغان ھەمدە ماركس بىلەن تونۇشقان. 1868 - يىلى ماركسىنىڭ ئىككىنچى قىزى لائۇرا (1845 - 1911) بىلەن تۇرمۇش قۇرغان؛ شۇ يىلى پارىژغا قايتىپ كەلگەن. پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، بوردوغا كۆچۈپ كېلىپ، بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال بوردو ياچېيكىسىنىڭ مۇخبىر سىكرىتارى بولغان. <دۆلەت مۇداپىئە> گېزىتىنى تەسىس قىلىپ، ئىنقىلابىي ئۇسۇل بىلەن تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇش ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان. پارىژ كوممۇنىسى ئىنقىلابىي باشلانغاندىن كېيىن، <بوردو مۇنبەر گېزىتى> دىن پايدىلىنىپ چەت ئۆلكىلەردە پارىژ كوممۇنىسىغا ياردەم بېرىش ھەرىكىتىنى قوزغىغان. كوممۇنا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئىسپانىيىدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇپ، بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ تەشكىلىي خىزمىتىگە كۈچ چىقارغان. 1872 - يىلى بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ گائاگا قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، ئېنگېلسقا ياردەملىشىپ باكونىنغا قارشى ھۈججەت <سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارا ئىشچىلار جەمئىيىتى>نى تۈزۈپ چىققان. 70 - يىللاردا لوندوندا مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇپ، فرانسىيە ئىشچىلار پارتىيىسىنى تەشكىللەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1880 - يىلى ماركس، ئېنگلېسنىڭ يېتەكچىلىكىدە، گېد بىلەن بىرلىكتە فرانسىيە ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىققان. 1882 - يىلنىڭ بېشىدا ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن، فرانسىيە ئىشچىلار پارتىيىسى سېنت - ئېتېن قۇرۇلتىيىغا ۋە ھەر قېتىملىق قۇرۇلتايغا قاتنىشىپ، مۇمكىنچىلەرگە قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا <باراۋەرلىك گېزىتى> قاتارلىق سوتسىيالىستىك گېزىت - ژورناللاردا نۇرغۇن مۇھىم ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، فرانسىيەدە ماركسزمنى تارقاتقۇچى ئاتاقلىق تەشۋىقاتچىغا ئايلانغان. 1891 - يىلى ئاۋام پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال مەزگىلىدە ئاغمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە پائال قاتناشقان. 1905 - يىلى فرانسىيە بىرلىككە كەلگەن سوتسىيالىستلار پارتىيىسى (ئىشچىلار ئىنتېرناتسىئونالى فرانسىيە ياچېيكىسى)نىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىدا رەھبەرلىك ئەزالىقىغا سايلانغان. 1911 - يىلى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئايالى بىلەن بىرلىكتە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <مال - مۈلۈك ۋە ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى>، <ئىنقىلابنىڭ ئالدى - كەينىدىكى فرانسۇز تىلى>، <ماركس ھەققىدە ئەسلىمە> قاتارلىقلار بار.