Uyghur主要词典
كېۋەز
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ تۈگمىگۈل ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، كېۋەزگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، گۈلى ئاچ سېرىق، مېۋىسىنىڭ شەكلى ياڭاققا ئوخشايدۇ، ئىچىدە ئاق رەڭلىك تالا (پاختا) بىلەن قوڭۇر رەڭلىك ئۇرۇقى (چىگىتى) بولىدۇ. تالاسى توقۇمىچىلىق سانائىتىنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى ھېسابلىنىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ چىگىتى، غوزا شاكىلى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ چىگىتىنى كېۋەز چىغىرىقلانغاندىن كېيىن يىغىۋېلىپ، كېرەكسىز نەرسىلەرنى چىقىرىۋېتىپ خام ھالەتتە ياكى قورۇپ؛ غوزا شاكىلىنى كېۋەزنى تېرىۋالغاندىن كېيىن يىغىۋېلىپ، كېرەكسىز نەرسىلەرنى چىقىرىۋېتىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ سوقۇپ ياكى قورۇپ سوقۇپ، يىلتىزىنى كۈزدە كېۋەزنى تېرىۋالغاندىن كېيىن يۇلۇۋېلىپ، شاخ ۋە چاچما يىلتىزلىرىنى چىقىرىۋېتىپ، تولۇق نەمدەپ يالپاقلاپ توغراپ، خام ھالەتتە ياكى قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
ھۆل ئىسسىق.
بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، سۈت كۆپەيتىش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ئاغرىق توختىتىش، قان توختىتىش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، قاننى جانلاندۇرۇش، يۆتەل ۋە دەم سىقىشنى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ كېۋەز يىلتىزى 15 ~ 30 گرام، كېۋەز چىگىتى 8 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
12 گرام كېۋەز چىگىتىنى، 10 گرام كەتىرا، سەككىز گرام چۈچۈكبۇيا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈت ئازلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
28 گرام قورۇلغان كېۋەز چىگىتىنى 12 گرام ئارپىبەدىيان بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 ~ 20 گرام كېۋەز غوزا شاكىلىنى سۇدا قاينىتىپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، قىزىلئۆڭگەچ تارىيىۋېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قۇرۇتۇلغان كېۋەز چىگىتىنى يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 20 گرامدىن قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ھەيز نورمالسىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
70 گرام كېۋەز يىلتىزىنى 15 گرام خام جىزچياۋ بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بالىياتقۇ تۆۋەنلەپ كېتىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
يەتتە تال پىشمىغان كۆك كېۋەز غوزىسىنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
140 گرام قورۇپ سوقۇلغان كېۋەز چىگىتىنى 35 گرام نېلۇپەر گۈل تېگى، 20 گرام قارا شېكەر بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بالىياتقۇنىڭ پائالىيەتچان قانىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
خام چىگىتتە ياغ تارتىپ، كۈندە ئىككىدىن تۇخۇمنى چىگىت يېغىدا پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
چىگىت مېغىزىدىن 5.2 كىلوگرام، چاكاندىدىن 750 گرام، ئۆرۈك مېغىزدىن بىر كىلوگرام ئېلىپ، چىگىتنى قورۇپ پىشۇرۇپ، شاكىلىنى ئېلىۋېتىپ، پوستى سويۇۋېتىلگەن ئۆرۈك مېغىزىنى ئايرىم قورۇپ، قورۇلغان دورىلارنى چاكاندا بىلەن قوشۇپ يۇمشاق سوقۇپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ياڭاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ ياساپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر تالدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، زۇكام، يۆتەل ۋە زىققىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
كېۋەز ئىنسانلارنىڭ كىيىم ‐ كېچەك ماتېرىياللىرى مەنبەسى بولغاچقا، چەت ئەللەردە ئۇنى »قۇياش پەرزەنتى« دەپ ئاتىشىدۇ. جۇڭگودا مەخسۇس كېۋەزنى مەدھىيىلەيدىغان مۇنداق شېئىر بار: »ماي ئېيىدا كېۋەز گۈزەل، ئاۋغۇست ئېيى كېۋەز قۇرار. چېچەكلىسە جاھان ئىللىپ، گۈل تۆكۈلسە زېمىن مۇزلار«.
كېۋەز تۈگمىگۈل ئائىلىسىگە كىرىدىغان كۆپ يىللىق چاتقال بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلىي ماكانى تروپىك بەلۋاغ رايونلىرىدۇر. كېيىن ئۇ كۆندۈرۈلۈپ، بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈككە ئايلانغان. ئۇنىڭ غولى تىك بولۇپ، ۋېگېتاتىۋ شاخلىرى تۈۋى قىسمىدا، مېۋە شاخلىرى ئۈستۈنكى قىسمىدا ئايرىلىپ ئۆسىدۇ. گۈلى يوپۇرماق قولتۇقىدا ئۆسۈپ ئۆزلۈكىدىن رەڭ ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ. مەسلەن، دەسلەپ ئاق ئېچىلىدۇ، ئارقىدىن سارغىيىدۇ، چۈشتىن كېيىن قىزىرىدۇ، ئەتىسى قىزغۇچ بىنەپشە رەڭگە، سولىشىش ۋاقتىدا كۈل رەڭ قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. غوزا مېۋىسى (غوزىسى) شاپتۇلغا ئوخشاش بولۇپ، پىشقاندا يېرىلىپ قاردەك ئاق پاختىسى كۆرۈنىدۇ، ئارىسىدا ئۇرۇق (چىگىت)لىرى بولىدۇ. ئۇ پىششىقلىنىپ ئۇرۇق (چىگىتى)دىن ئايرىلغاندىن كېيىنلا ساپ پاختىغا ئايلىنىدۇ ھەمدە يىپ ئېگىرىپ رەخت توقۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. پاختا تالاسىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى كېۋەز سورتىنىڭ ياخشى ياكى ناچارلىقىنىڭ ئۆلچىمى ھېسابلىنىدۇ.
پاختا ئادەتتە ئاق رەڭدە بولۇپ، بوياش ئارقىلىقلا خىلمۇخىل رەڭلەردىكى گۈللۈك رەختلەر توقۇلىدۇ. يېقىندا پېرۇ دۆلىتىدە پاختىسى ئاق، ئاچ سېرىق، قوڭۇر، سۆسۈن، كۈل رەڭدىن ئىبارەت بەش خىل تەبىئىي رەڭدىكى كېۋەز سورتى بايقالدى. سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ئالىملىرى شالغۇتلاشتۇرۇش ئارقىلىق پاختىسى قىزىل، يېشىل، كۆك ۋە سېرىقتىن ئىبارەت20 نەچچە خىل رەڭلىك كېۋەز سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان. ھازىر شىنجاڭدىمۇ پاختىسى رەڭلىك كېۋەزلەر كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈلمەكتە. ئەگەر پاختىسى رەڭلىك كېۋەزلەر كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈلسە خىلمۇخىل رەڭدىكى رەختلەرنى بىۋاسىتە توقۇپ چىقىشقا بولىدۇ.
پاختا رەخت توقۇشقا ئىشلىتىلىپلا قالماي، يەنە پارتلاتقۇچ دورا، سۇلياۋ ۋە مېدىتسىنا پاختىسى (دورىلىق پاختا) قاتارلىقلارنى ياساشنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇرۇقى (چىگىتى)دىن ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان چىگىت مېيى ئايرىۋېلىشقا بولىدۇ. كېۋەز غولى (تەپچە)نىڭ ئەۋرىشىم پوست تالالىرىدىن ئارغامچا ۋە قەغەز ياساشقا بولىدۇ. كېۋەز يىلتىزىنىڭ پوستى دورا بولۇپ، تەننى كۈچلەندۈرۈش ۋە تىنچلاندۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە.
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
كېۋەزنىڭ ئەسلىي ماكانى ھىندىستان بولۇپ، شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئېلىمىزگە كىرگەن، غەربىي شىمال ۋە غەربىي جەنۇب رايونلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كېۋەز تېرىقچىلىقى ئىچكىرىنىڭكىدىن بالدۇر.13 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى (يۈەن سۇلالىسى مەزگىلى)دا مەملىكەت بويىچە كۆپ قىسىم رايونلاردا ئومۇميۈزلۈك كېۋەز تېرىلىپ، توقۇمىچىلىق كەسپىمۇ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. يۈەن سۇلالىسىدىكى سۇڭجياڭ ۋۇنىدىكى جىڭجېن (ھازىرقى شاڭخەيدىكى خۇاجىڭجىن بازىرى) دىكى خۇاڭداۋپو دېگەن كىشى پاختا توقۇمىچىلىق تېخنىكىسىنى ياخشىلاش ۋە ئۆستۈرۈش ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشقان.
ئېلىمىز كېۋەز تېرىشتا مول تەجرىبىگە ئىگە، مەسىلەن، مۇۋاپىق پەيتتە بالدۇر تېرىش، »10 يىل بالدۇر بولسا،9 يىل ياخشى ھوسۇل چىقىدۇ«، ئەتىيازدا تېرىغاندا »4-ئايدا مايسا كۆرۈنىدىغان« ۋاقىتتا تېرىش؛ ئوزۇقلۇق قاچىسىدا، سۇلياۋ يوپۇق ئىچىدە مايسا يېتىشتۈرۈپ كۆچۈرۈش، سۇلياۋ يوپۇق يېپىش؛ ئېتىز پەرۋىشىدە ئارىسىنى بوشىتىش، ئوغۇتلاش، شاخ چاتاش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلارنى چىڭ تۇتۇش. شەنشىنىڭ ۋېنشى ناھىيىسىدىكى مەشھۇر كېۋەز ئۆستۈرۈش مۇتەخەسسىسى ۋۇ جىچاڭ كېۋەز ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، »سوغۇق مايسىزارلىقتا ئۆستۈرۈش«، »بىخ مايسىنى كۆچۈرۈش« قاتارلىق توققۇز تۈرلۈك پەن تەتقىقات نەتىجىسىنى ياراتتى؛ ئارقىدىنلا قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ كۆپ يىل تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق »كۆپ غوللۇق قوش قەۋەتلىك« يېڭىچە كېۋەزنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. بۇ خىل كېۋەزدە ئاستىن - ئۈستۈن ئىككى قەۋەت مېۋە شېخى بولۇپ، قۇياش نۇرىدىن تولۇق پايدىلىنالايدۇ، ئارىسىدىن شامالنىڭ ئۆتۈشى ياخشى بولغاچقا، كېۋەز تۈپى كۆپ غوزا تۇتىدۇ، غۇنچىلىرى تۆكۈلۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، بۇ، پاختا مەھسۇلاتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ.
ھازىر ئېلىمىز دۇنيا بويىچە پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان تۆت چوڭ دۆلەتنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئېلىمىز پاختىسىنىڭ مەھسۇلاتى يۇقىرى، سۈپىتى ياخشى، پاختا توقۇلمىلىرى يەڭگىل، يۇمشاق، رەڭدار بولۇپ، كىشىلەرنى نەپىس كىيىم - كېچەك خام ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھازىرقى زامان پەن - تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يېزا ئىگىلىكى ئالىملىرى ئاشلىق، پاختا، ماي قىلىپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان، يەنى تالاسى ئۇزۇن، سۈپىتى ياخشى، مەھسۇلاتى يۇقىرى؛ ئۇرۇقىدىن يېمەكلىك ماي ئالغىلى بولىدىغان؛ غولى، شېخى، ئۇرۇقى تەركىبىدە ئاقسىل مول بولۇپ، يېمەكلىك ۋە يەم - خەشەك قىلىپ پىششىقلاپ ئىشلەشكە بولىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك تىپتىكى كېۋەز يېتىشتۈرۈپ چىقتى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ، بەزى دېھقانچىلىق تېخنىكا خادىملىرى »رەڭلىك پاختا«نى يېتىشتۈرۈپ چىقتى، بۇ خىل پاختىدىن تۈرلۈك تەبىئىي رەڭدىكى رەختلەرنى بىۋاسىتە توقۇپ چىققىلى بولىدۇ.
بىئولوگىيە
تۈگمىگۈل ئائىلىسىگە كىرىدۇ، بىر يىللىق ياكى كۆپ يىللىق تىك ئۆسىدىغان ۋە شاخلىنىدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، ياكى چاتقال (مۆتىدىل بەلباغدا بىريىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك). پۈتۈن ئۆسۈملۈك تۈپىدە ماي بېزى بولىدۇ، غولىدا تۈكچىلەر بولىدۇ ياكى سىلىق بولىدۇ، غولى يېشىل ياكى بىنەپشەرەڭ بولۇپ، ۋېگېتاتىۋلىق شاخ بىلەن مېۋە شېخىدىن ئىبارەت ئىككى خىل شاخقا شاخلىنىدۇ. يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، ئالىقانسىمان يېرىلىدۇ. يوپۇرمىقى چوڭ بولۇپ، قولتۇقتا ئۆسىدۇ، سېرىق، ئاق ياكى قېنىق بىنەپشەرەڭ كېلىدۇ. ئېچىلغاندىن كېيىن رەڭگى ئۆزگىرىدۇ؛ گۈلىنىڭ ئورىغۇچى يوپۇرمىقى ئۈچ تال ياكى 5 - 7 تال، چوڭ، يوپۇرماقسىمان ياكى يۈرەكسىمان بولۇپ، ئاز - تولا يېرىلىدۇ، قارامتۇل بىنەپشەرەڭ بەز تۈكچىلىرى بولىدۇ؛ گۈلتاجىسى قوڭغۇراقسىمان بولۇپ، گۈلتاجى ياپراقچىسى ئايلانما بولۇپ تىزىلىدۇ ياكى ئېچىلىدۇ. مېۋىسى غوزىسىمان بولۇپ، 3 - 5 كە يېرىلىدۇ؛ چىگىتى شارغا يېقىن شەكىلدە بولۇپ، ئۇزۇن تالا ۋە تىۋىتلار زىچ ئۆسكەن بولىدۇ. ھاۋا كىلىماتى ئىسسىق جايلاردا ئۆسىدۇ. قۇملۇق تۇپراققا ماس كېلىدۇ. كېۋەزنىڭ چاتقالسىمان كېۋەز (G. hirsutumL.)، سامان غوللۇق كېۋەز (G.herbaceumL.)، قۇرۇقلۇق كېۋىزى ( G.hirsutumL.)، دېڭىز كېۋىزى ( G.barbadenseL.) دىن ئىبارەت تۆت خىل تۈرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇقلۇق كېۋىزى جۇڭگودا تېرىلىدۇ. كېۋەزنىڭ تالاسىدىن رەخت ياكى تورپاختا ياسىلىدۇ؛ چىگىتىدىن ماي تارتىلىپ ئۇزۇقلۇق قىلىنىدۇ ياكى سانائەتكە ئىشلىتىلىدۇ، چىگىت كۈنجۈرىسى يەم - خەشەك ياكى ئوغۇت قىلىنىدۇ. چىگىت تىۋىتى پارتلاتقۇچى دورا ۋە سۇلياۋنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى، كېۋەز غولىنىڭ ئەۋرىشىملىك تالاسىدىن ئارغامچا ۋە قەغەز ياسىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بوتانىكا
تۈگمىگۈل ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. گۈلى ئاچ سېرىق، مېۋىسىنىڭ شەكلى ياڭاققا ئوخشايدۇ، ئىچىدە ئاق رەڭلىك تالا (پاختا) بىلەن قوڭۇر رەڭلىك ئۇرۇقى (چىگىتى) بولىدۇ. تالاسى توقۇمۇچىلىق سانائىتىنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇرۇقىدىن ماي تارتقىلى، مېيىنى ئىستېمال قىلغىلى ۋە سانائەتكە خام ئەشيا قىلغىلى بولىدۇ.