Uyghur主要词典
كېنگۇرۇ
ھايۋاناتلار دۇنياسى
كېنگۇرۇ ئاۋسترالىيىنىڭ ئالاھىدە مەشھۇر ھايۋىنى، ئاۋسترالىيىنىڭ دۆلەت گېربىگىمۇ بىر چوڭ كېنگۇرۇنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن.
ئاۋسترالىيە خالتىلىق ھايۋانلارنىڭ جەننىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە كېنگۇرۇنىڭ50 دىن ئارتۇق تۈرى بار. ئۇلارنىڭ مورفولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى ئوخشاش ئەمەس، چوڭ - كىچىكلىكىدە پەرق زور. چوڭ قىزىل كېنگۇرۇ بىلەن چوڭ كۈل رەڭ كېنگۇرۇ »گىگانت ئادەم« ھېسابلىنىپ، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى76 .2 مېتىر، ئېغىرلىقى75 −80 كىلوگرام چىقىدۇ. ئەڭ كىچىكى چاشقانسىمان كېنگۇرۇ بولۇپ، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئاران5 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، ئېغىرلىقى ئاران4 گرام چىقىدۇ. يەنە قاتتىق ئىسسىققا ۋە قۇرغاقچىلىققا ئالاھىدە چىدايدىغان قىيالىق تاش كېنگۇرۇسى بار، يەنە دېڭىز سۈيىنى ئىچىدىغانلىرىمۇ بار.
كېنگۇرۇ سەكرەشكە ماھىر بولۇپ، ئارقا پۇتىغا تايىنىپ سەكرەپ يۈرۈپ ئوزۇقلۇق ئىزدەپ يەيدۇ. كېنگۇرۇنىڭ قۇيرۇقى توم، كۈچلۈك بولۇپ، جىم تۇرغاندا ئارقا پۇتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۈچ بۇرجەكلىك تىرەك ھاسىل قىلىپ، ئولتۇرۇپ دەم ئالىدۇ؛ سەكرىگەندە تېنىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ؛ يەنە «قاڭقىپ سەكرەش تاختىسى» غا ئوخشاش تېز ھەم يىراققا سەكرىشىگە ياردەم بېرىدۇ، سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغاندا سائىتىگە60 كىلومېتىرغا يېتىدۇ،2 −3 مېتىر ئېگىزلىكتىكى توسالغۇدىن سەكرەپ ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ،7 −8 مېتىر كەڭلىكتىكى كىچىك دەريادىن تاقلاپ ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ. باشقا ھايۋانلارغا ئوخشىمايدىغان قىزىقارلىق يېرى شۇكى، كېنگۇرۇنىڭ يۈگۈرۈش سۈرئىتى قانچىكى تۆۋەن بولسا، ئېنېرگىيە سەرپىياتى شۇنچە كۆپ بولىدۇ، سۈرئىتى تېزلىشىپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئەكسىچە نىسپىي ئازىيىدۇ.
كېنگۇرۇ ئوتلاقلاردا، چۆللۈكلەردە ياشايدۇ، قۇرغاقچىلىق بولغاندا سۇ تېجەيدىغان، ئىسسىقلىق تارقىتىدىغان بىر يۈرۈش ماھارەتلىرى بولىدۇ ھەمدە چۆلدە1 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا قۇدۇق قېزىپ سۇ چىقىرىپ ھاياتىنى ساقلايدۇ. كېنگۇرۇ ئادەتتە چىرايى ئىللىق، مۇلايىم، باشقا ھايۋانلارغا بىھۇدە چېقىلمايدۇ. ئەگەر ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويسا ھېچنېمىگە پەرۋا قىلماي ئېلىشىدۇ.
كېنگۇرۇ گەرچە بالا تۇغسىمۇ، لېكىن بالا ھەمراھى يوق. ئانا كېنگۇرۇ بوغاز بولۇپ4 −5 ھەپتىدىن كېيىن، قېرىنداشنىڭ بېشىچىلىك چوڭلۇقتا بالا تۇغىدۇ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى2 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى5 .0 ~75 .0 گرام چىقىدۇ، تۈكى بولمايدۇ، كۆزى كۆرمەيدۇ. ئالدى پۇتى ۋە ئۆتكۈر پۇراش سېزىمىگە تايىنىپ ئانىسى يالاپ ئېچىپ بەرگەن يولنى بويلاپ ئۆمىلەپ بالا يېتىلدۈرۈش خالتىسىغا كىرىپ، خالتا ئىچىدىكى ئەمچەكنى ئېمىپ يېتىلىپ چوڭ بولىدۇ.200 كۈندىن كېيىن بالا كېنگۇرۇ سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلالايدۇ، لېكىن خەۋپكە يولۇققان ھامان دەرھال خالتىغا كىرىۋالىدۇ - دە، ئانىسى ئۇنى ئېلىپ قاچىدۇ. خالتا ئىچىدىكى بالا چوڭىيىپ مۇستەقىل ياشىيالايدىغان بولغان ۋاقىتتا، ئانىسى ئۇنىڭ خالتىغا كىرىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ. كېنگۇرۇنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، خالتىدىكى بالىسى مۇستەقىل ياشىيالايدىغان بولغاندا ئىككىنچى بالىسى تۇغۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئانىسى ئۈچىنچى بالىغىمۇ بوغاز بولىدۇ.
تاشقاتمىلارغا ئاساسەن ئىسپاتلىنىشىچە، خالتىلىق ھايۋانلار25 مىليون يىل بۇرۇن ئاۋسترالىيىدە پەيدا بولغانىكەن.
بىئولوگىيە
ئېمىتكۈچىلەر سىنىپىنىڭ خالتىلىقلار ئەترىتى، كېنگۇرۇلار ئائىلىسى (Macropodidae) نىڭ ئومۇمىي نامى. جەمئىي 71 ئۇرۇقداش، تەخمىنەن 52 تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بەدىنىنىڭ چوڭلۇقى ھەرخىل، كىچىك كېنگۇرۇلارنىڭ چوڭلۇقى ئۆي چاشقانلىرىچىلىك بولسا، ئەڭ چوڭ كېنگۇرۇلارنىڭ ئولتۇرغان چاغدىكى ئېگىزلىكى ئىككى مېتىر، قۇيرۇق ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىر، ئېغىرلىقى 67 كىلوگرامدىن ئاشىدۇ. 6 - 10 مېتىر ئارىلىققا سەكرىيەلەيدۇ. تۆۋەنكى جېغىنىڭ ھەر يېنىدا پەقەت بىر تالدىنلا كۈرەك چىشى بولىدۇ. بارماقلىرىدا بىرىكىپ كېتىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ. چىشىسىنىڭ قورساق قىسمىد بالا بېقىش خالتىسى بولىدۇ، بوغاز دەۋرى قىسقا، تۆرەلمىسى تولۇق يېتىلىپ بولمايلا تۇغۇلۇپ، بالا خالتىسىدا سۈت ئېمىپ يېتىلىدۇ. ئۆسۈملۈك بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. پەقەت ئاۋسترالىيە ھەم شۇ ئەتراپتىكى ئاراللارنىڭ ئوتلاق رايونلىرىدا ياشايدۇ. يەنە بەزى دەرەختە ياشايدىغان تۈرلىرىمۇ بار، كۆپ ئۇچرايدىغانلىرىدىن چوڭ كېنگۇرۇ، چاشقان كېنگۇرۇ ۋە كولا (دەرەخ كېنگۇرۇسى) قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ كېنگۇرۇنىڭ تېرىسى يۇمشاق ھەم پۇختا بولۇپ، پەلەي قاتارلىقلارنى تىكىشكە بولىدىغان بەلگىلىك ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛ئىنگلىزچە
زوئولوگىيە
سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. ئالدى پۇتى قىسقا ۋە كىچىك، ئارقا پۇتى ئۇزۇن ھەم چوڭ، سەكرەشكە ماھىر، قۇيرۇقى توم كېلىدۇ. چىشىسىنىڭ قورساق قىسمىدا تېرە خالتىسى بولۇپ، بالىلىرىنى شۇنىڭ ئىچىگە سېلىۋالىدۇ. يېشىل ئوت - چۆپلەر بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. ئاۋىسترالىيىگە كەڭ تارالغان.