Uyghur主要词典
كۇتۇبى ئەربەئە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار ئېتىراپ قىلغان نوپۇزلۇق تۆت ھەدىسلەر توپلىمىنىڭ ئاتىلىشى بولۇپ، ئۇلار مۇھەممەد كۈلەينى تۈزگەن <ئەل كافى فى ئىلمىددىن>، ئىبنى بابۇيە تۈزگەن <مەن لايەستەھزىرۇھۇ>؛ مۇھەممەد تۇسى تۈزگەن <تەھزىب ئەل ئەھكام> ۋە <ئەل ئىستىبسار> دىن ئىبارەت. <ئەل كافى فى ئىلمىددىن> دىن باشقىلىرى، بۇۋەيھىيە سۇلالىسىدا يېزىلغان. بۇ كىتابلارمۇ سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئالتە ھەدىس شېرىپىگە ئوخشاش ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، <قۇرئان كەرىم> دىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شىئە مەزھىپىنىڭ ئەھكام چىقىرىش، دىننى ئىجرا قىلىشتىكى مۇھىم ئاساسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.