Uyghur主要词典
كۇتى پادىشاھلىقى
دۇنيا تارىخى
ھىندونېزىيىدىكى قەدىمكى دۆلەت (تەخمىنەن مىلادى Ⅳ - Ⅵ ئەسىرلەرگىچە). كالىمانتان ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى كۇتى رايونىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. قۇرغۇچىسى ئاسۋاۋارمان، ئاتىسىنىڭ ئىسمى كۇندۇنگا. مىلادى 400 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە ئاسۋاۋارماننىڭ ئوغلى مۇۋارمان راھىبلارغا يەر ۋە مىڭ كالا ھەدىيە قىلغان. مەزكۇر دۆلەت ھىندىستان مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، سانسىكرىت يېزىقىنى ئىشلەتكەن.