Uyghur主要词典
كۈنمىڭ شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى مەسچىت
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى كۈنمىڭ شەھىرىنىڭ ئادالەت كوچىسىدىكى جىنرى باغچىسىنىڭ يېنىدا. بۇ مەسچىت 632 _ يىلى سېلىنغان. 1211 _ يىلىدىن 1279 _ يىلىغىچە سەئىد شەمشىددىن سالدۇرغان دېگەن گەپلەر بار. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرى بۇزۇۋېتىلگەن. چىڭ سۇلالىسىنىڭ كاڭشى يىللىرىدىن چەنلۇڭ يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا كۆپ قېتىم رېمونت قىلىنىپ كېڭەيتىلگەن. 1856 _ يىلىدىكى ئۇرۇش مالىمانچىقىدا ۋەيران قىلىۋېتىلگەن. XX ئەسىردىن بۇيان كۆپ قېتىم رېمونت قىلىندى.