Uyghur主要词典
كۈنلۈك
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم(«كۈن» گە ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە «لۈك»قوشۇلغان) .
كۈن ئىسىقىنى توسۇپ، سايىۋەن بولىدىغان سايمان، زونتىك.
كۈنلۈك تۇتماق. *كۈن بەك ئىسىق كۈنلۈكۈڭنى ئېلىۋال.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت(«كۈن» گە سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچە «لۈك»قوشۇلغان) .
كۈندىلىك، بىر كۈنگە دائىر، بىر كۈنگە خاس، بىر كۈنگە يېتەرلىك.
بىر كۈنلۈك خىزمەت. * بىر كۈنلۈك يول. * تۆت كۈنلۈك ئالەم. * ساقلىساڭ يۈز كۈنلۈك، ساقلىمىساڭ بىر كۈنلۈك (ماقال) .
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۈن چۈشمەسلىك ئۈچۈن سايىۋان قىلىنىدىغان سايمان.
قىزىق ئاپتاپتا تېرىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈنلۈك تۇتۇش پايدىلىق.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كۈنلۈك.
كۈن ھېسابى بىلەن قىلىنغان ئىش.
1 - 627
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كۈنلۈك يېم _ كۈنلۈك يەم، كۈنلۈك ئوزۇق. بۇ سۆز ئاز ئىشلىتىلىدۇ.
1 - 627
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
يامغۇر ياكى كۈن نۇرىدىن دالدىلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئەسۋاب.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
بىر كۈنگە مۆلچەرلەنگەن، بىركۈندە بولىدىغان، بىر كۈنگە ئائىت.
كۈنلۈك ئىشلىمەك.
سىزنىڭ كۈنلۈك نورمىڭىز قانچە؟
ساناق سانلار بىلەن كېلىپ، قانچە كۈنگە مۆلچەرلەنگەنلىكىنى، قانچە كۈنگە ئائىتلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
بىر كۈنلۈك ئىش. بەش كۈنلۈك ئالەم.
قورغان يېرىم كۈنلۈك يول ئىدى.