Uyghur主要词典
كېت قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
15 - ئەسىردىكى ئەنگلىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى دېھقانلارنىڭ يەر چىتلاش ھەرىكىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان قوزغىلىڭى. ئۇنىڭغا كىچىك ئاقسۆڭەك روبېرت كېت (؟ - 1549) رەھبەرلىك قىلغان.1549 - يىلى 6 - ئايدا قوزغىلاڭ نورفوللك ۋىلايىتىدە پارتلاپ، تېزلىكتە يېقىن ئەتراپتىكى ھەرقايسى ۋىلايەتلەرنى قاپلىغان. قوزغىلاڭچىلار <92 ماددىلىق پروگرامما> تۈزۈپ، يەر چىتلاشنى مەنئىي قىلىش قانۇنىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىش؛ دېھقانلارنىڭ جامائەت يەرلىرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛ ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش؛ ئۆشرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ قالدۇقلىرىنى بىكار قىلىش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرغا قويغان. 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى قوزغىلاڭچىلار نورفولك ۋىلايىتىنىڭ مەركىزىي نورۋىچ شەھىرىنى ئىشغال قىلغان. ھۆكۈمرانلار دەسلەپتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى پارچىلىماقچى بولۇپ، نەتىجە چىقىرالمىغان. كېيىن گراف ۋاۋېكنى ياللانما قوشۇنغا باشچىلىق قىلىپ قوزغىلاڭنى قوراللىق باستۇرۇشقا ئەۋەتكەن. 8 - ئايدا، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان. كېت ۋە بىرقانچە يۈز قوزغىلاڭچى ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ قېىتمقى قوزغىلاڭ نورفولك ئەتراپىدا ئۆز ئالدىغا تېرىقچىلىق قىلىدىغان نۇرغۇن دېھقانلارنى ساقلاپ قالغان. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى كېيىن ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىي دەۋرىدە پارلامېنت ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچى بولغان.