Uyghur主要词典
كېتونلار
بىئولوگىيە
ئاتسېتىل ئاتسېتات، β - گىدروكسى بۇتىرىك كىسلاتا ۋە ئاتسېتونلاردىن ئىبارەت ئۈچ خىل بىرىكمىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئاتىلىشىدۇر. جىگەردە تىئوترانسفېرازا كەمچىل بولغانلىقتىن، ياغ كىسلاتالىرى تولۇق ئوكسىدلانمايدۇ ھەمدە ئۇنىڭدا كېتونلار سىنتزلىنىدىغان پۈتۈن يۈرۈش ئېنزىم سىستېمىسى بولىدۇ. شۇڭا ئاتسېل CoA نى تېزلىكتە كوندېنساتسىيىلەپ، ئاتسىتاتقا ئايلاندۇرىدۇ. ھەمدە β - گىدروكسى - β مېتال ۋالېرىل CoA ئارىلىق ماددىسى ھالىتىدە مەۋجۇت بولىدۇ. شۇڭلاشقا جىگەر كېتونلار ھاسىل بولىدىغان مۇھىم ئەزا بۆرەك، يۈرەك مۇسكۇللىرىدا ئاتسېتىل ئاتسېتاتنى ئوكسىدلايدىغان نىسبەتەن كۈچلۈك بولغان ئېنزىم سىستېمىسى بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن كېتونلارنى پارچىلايدۇ. ھاسىل بولغان كېتونلارنىڭ قويۇقلۇقى نورمال بولغاندا زەھەرسىز بولىدۇ. لېكىن كېسەل ئەھۋالىدا، مەسىلەن، ئېغىر قەنت سىيىش كېسىلىدىن بولغان كېتون كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىدا β گىدروكسى بۇتىرىك كىسلاتا ۋە ئاتسېتىل ئاتسېتاتلارنىڭ كونسېنتراتسىيىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %500m ياكى %100mg دىن يۇقىرى بولىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان كىسلاتالىق ماددىلار مېتابولىزم خاراكتېرلىك كىسلاتادىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ياكى ھۈجەيرە سىرتقى سۇيۇقلۇقىنىڭ كرىستال ئوسموتىك بېسىمى يۇقىرىلاپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قەنت سيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىنىڭ سۈيدۈكى ئوسموتىك خاراكتېرىدە راۋانلىشىپ كېتىدۇ - دە، شۇنىڭ بىلەن سۇسىزلىنىدۇ ھەمدە ئېلېكترولتىزلىنىدۇ. بۇ قەنت سىيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىنىڭ ھوشسىزلىنىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن.