Uyghur主要词典
كېسەل
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تەن ساقلىقىدىن ئايرىلغان.
ساق ، ساغلام، سالامەت، ساق - سالامەت، تازا
ئاغرىق - سىلاق، كېسەلدىن خالىي.
ساق يېرىمنىڭ ھالى يوق، ئاغرىق يېرىمنىڭ تايىنى يوق. تېنى ساققا تەمسىز تاماق يوق. ساغلام تەندە ئۈمىد بار، ئۈمىد بولسا ھەممە بار. سالامەت تەندە ساغلام ئەقىل. ئىككى كېسەل بىللە كەتتى، ساق بېرىپ، سالامەت قايتسۇن. كىيىشىم ماتا، تېنىم تازا. ئاغرىق بىلەن تازىلىق ئاراز. ھەر كىم ئۆز ئاغرىقىنى سۆزلەيدۇ. كېسىلىگە قاراپ دورا بەر. خەستە كىشىگە يول خەت كېسىلمەيدۇ. بىتاپ بولساڭ ئاپتاپقا چىق. بىمارغا بال ئاچچىق. بىر يېرىم كەم تۇرىدۇ، - دېدى ئاتام. مىجەزى يوقنىڭ ھالى يوق. ساقسىزنى قويۇپ ساقنى يۆلەپتۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جىسمانىي ۋە ياكى روھىي جەھەتتىن غەيرىي نورماللىق ھالىتى.
«بولماق»،«قىلماق» بىلەن پېئىللىشىدۇ.
بۇنداق ھالەتنىڭ ئېتىغا پەقەت «كېسەل» قوشۇلۇپ كېلىدۇ.
كېسىلىگە قاراپ دورىسى. ئاغرىقىنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈمى ئاشكارا. «ئاغرىقمەن» دەيدۇ، ھەممىنى يەيدۇ. خەستەكىشىگە خەت كېسىلمەيدۇ. دەرد باشقا، ئەجەل باشقا. دەرد كەلسە، دەرماق كېتەر. بىتاپ بولساڭ، ئاپتاپقا چىق. بىمار بولغانغا ھەسەلمۇ ئاچچىق. ئۇ كەم بولۇپ قاپتۇ، ئىشقا چىقالمايدىكەن، - دېدى. ئۇنىڭ بۈگۈن تاۋى يوق، مەجلىسكە بارالمايدۇ. مىجازم يوق، ئاغرىقچان بولۇپ قالدىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
سۈپ. ئورگانىزمنىڭ نورمال پائالىيىتى بۇزۇلغان، ئاغرىغان؛ بىتاپ.
كېسەل كىشى. كېسەل قوي.
ئى. ئورگانىزمنىڭ نورمال ھالىتى بۇزۇلغان، ئاغرىغان كىشى؛ بىمار.
كېسەل يوقلىماق. كېسەل باقماق.
ئۇلار شۇ دوك كېسەلنى ئېلىپ كەلگەنىكەن.
ئى. ئورگانىزم نورمال پائالىيىتىنىڭ، سالامەتلىكنىڭ بۇزۇلغان ھالىتى؛ كېسەللىك.
يۈرەك كېسىلى. ئۆپكە كېسىلى.
كېسەلنى يوشۇرسا ئۆلۈمى ئاشكارا بولۇر (ماقال).
ئى. تاشلىۋەتكىلى بولمايدىغان، قان - قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ئادەت.
كونا كېسەل. بۆشۈكىدە تەگكەن كېسەل.
ئى. چاتاق، نۇقسان، كاشىلا.
چاقماقجان ئاخىرىدا يۇقىرى بېسىملىق ماي تۇرۇبىسىنى بوشىتىپ، ماينىڭ يۈرۈشمەيۋاتقانلىقىدەك كېسەلنى تاپتى.